ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشى

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3: 1-24

¹ [1] يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان جانلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن: _ خۇدا راستتىنلا: «باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى قەتئىي يېمەڭلار!» دېدىمۇ، _ دەپ سورىدى.‏ ² [2] ئايال: _ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ.‏ ³ [3] لېكىن خۇدا بىزگە: «باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەڭلار، ھەتتا ئۇنىڭغا قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.‏ [4] يىلان ئايالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ ياق، ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر!‏ [5] خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنى يېسەڭلار، كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ. ‏ [6] ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى، شۇنداقلا ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى.‏ [7] ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى ۋە ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى. ‏ [8] شۇ كۈنى سالقىن چۈشكەن ۋاقتىدا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ، دەرەخزارلىقنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشتى.‏ [9] لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى: _ سەن قەيەردە؟ _ دەپ چاقىردى.‏ ¹⁰ [10] ئادەم: _ مەن سېنىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىڭنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، يالىڭاچلىقىمدىن قورقۇپ يوشۇرۇنۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.‏ ¹¹ [11] خۇدا ئۇنىڭدىن: _ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ ياكى مەن ساڭا يېمە، دېگەن مېۋىنى يېدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى.‏ ¹² [12] ئادەم: _ سەن ماڭا بەرگەن ئۇ ئايال شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، شۇنى يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.‏ ¹³ [13] پەرۋەردىگار خۇدا ئايالدىن: _ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ مېنى يىلان ئازدۇردى، شۇڭا يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال. خۇدانىڭ ئادەمئاتا بىلەن ھاۋائانىنى جازالىشى ‏ ¹⁴ [14] شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا: _ بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلىسەن! بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سەنلا قارغىشقا قالىسەن: «ھازىردىن باشلاپ، يەر بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن. ‏ ¹⁵ [15] سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ، سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى. ‏ ¹⁶ [16] كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا مۇنداق دېدى: «ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭدا تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ.» ‏ ¹⁷ [17] پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە مۇنداق دېدى: «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە كىرىپ، مەن ‹يېمەڭلار› دەپ ئەمر قىلغان مېۋىنى يېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، يەرمۇ قارغىشىمغا قالدى. سەن ئۆمۈرۋايەت جاپالىق ئىشلەش بىلەنلا ئوزۇقلۇققا ئىگە بولىسەن. ‏ ¹⁸ [18] يەردىن تىكەن ۋە قامغاق ئۈنىدۇ، سەن ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتلەرنى يەيسەن. ‏ ¹⁹ [19] باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىر نەرسىگە ئىگە بولىسەن، تاكى سەن ئۆلۈپ تېنىڭ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. تۇپراقتىن يارىتىلدىڭ ۋە تۇپراققا قايتىسەن!» ‏ ²⁰ [20] ئادەم ئايالىغا ھاۋا (ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئانىسى بولاتتى.‏ ²¹ [21] پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ، كىيدۈرۈپ قويدى. ئادەمئاتا بىلەن ھاۋائانىنىڭ ئېرەم باغدىن قوغلىنىشى ‏ ²² [22] ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دېدى: _ ئادەم بىزگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»نىڭ مېۋىسىنى يەپ قويۇشىدىن ساقلىنايلى. بولمىسا، ئۇ مەڭگۈ ياشايدۇ! ‏ ²³ [23] شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرى يارىتىلغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان بولدى.‏ ²⁴ [24] خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخكە بارىدىغان يولنى قوغداش ئۈچۈن، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە ھەر تەرەپكە بارالايدىغان ئوتلۇق بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى.

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00