ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكى ئ‍ۈچۈن خۇدا ئۇلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتدۇ.

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 6: 5-22

پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ شۇنچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ياراتقانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا: _ مەن ئۆزۈم ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! _ دېدى. لېكىن پەرۋەردىگار نۇھتىن خۇرسەن ئىدى. نۇھنىڭ كېمە ياسىشى ⁹⁻¹⁰ نۇھنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: نۇھنىڭ سام، ھام، يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۆز زامانىدا بىردىنبىر دۇرۇس، قۇسۇرسىز ئادەم بولۇپ، خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ ياشىغانىدى. ¹¹ باشقا ئىنسانلار بولسا خۇدانىڭ نەزىرىدە گۇناھقا پاتقان بولۇپ، يەر يۈزى ئۇلار سەۋەبلىك زوراۋانلىققا تولغانىدى. ¹² خۇدا دۇنياغا نەزەر سېلىپ، دۇنيانىڭ كىشىلەرنىڭ رەزىللىكلىرىدىن ئىنتايىن بۇزۇلغانلىقىنى كۆردى. ¹³ شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: _ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنى دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن! ¹⁴ سەن ياخشى ياغاچتىن ئۆزۈڭگە بىر كېمە ياسا، كېمىدە ئۆيلەر بولسۇن. كېمىگە سۇ كىرمەسلىكى ئۈچۈن كېمىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا قارا موم سۈركىگىن. ¹⁵ كېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر بولسۇن. ¹⁶ كېمىنىڭ ئۈستى لەمپە شەكىللىك بولسۇن، لەمپىنىڭ يان تەرەپلىرىدە 50 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە پەنجىرىلەر بولسۇن. كېمىنى ئۈچ قەۋەت قىلىپ ياسىغىن، ئىشىكى يان تەرەپتە بولسۇن. ¹⁷ مەن يەر يۈزىنى توپانغا غەرق قىلىپ، پۈتۈن جانلىقلارنى ھالاك قىلىمەن، يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات نابۇت بولىدۇ. ¹⁸ لېكىن سەن بىلەن ئالدىن بىر ئەھدە تۈزەي. سەن ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن. ¹⁹ سەن يەنە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر تۈرىدىن جۈپى بىلەن كېمىگە ئېلىۋالغىن. ²⁰ ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭغا جۈپى بىلەن ئۆزلىرى كېلىدۇ. ²¹ ئۆزۈڭلار ۋە باشقا جانلىقلار ئۈچۈن ھەر خىل ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى ئېلىۋالغىن، _ دېدى. ²² نۇھ خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 7: 11-8: 4

¹¹ [11] نۇھ 600 ياشقا كىرگەن يىلى، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى يەر ئاستىدىكى ھەممە بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقتى، يامغۇر ئاسماندىن چېلەكلەپ سۇ قويغاندەك قاتتىق ياغدى.‏ ¹² [12] يامغۇر قىرىق كېچە-كۈندۈز توختىماي ياغدى.‏ ¹³ [13] دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى نۇھ، ئايالى، سام، ھام، يەفەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى ۋە كېلىنلىرى كېمىگە چىقتى.‏ ¹⁴ [14] ھەر خىل چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۇچار قاناتلار،‏ ¹⁵ [15] جۈملىدىن بارلىق جانلىقلار ئۆز جۈپلىرى بىلەن نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كېمىگە چىقتى.‏ ¹⁶ [16] بارلىق جانلىقلار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار كېمىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويدى. ‏ ¹⁷ [17] يامغۇر قىرىق كۈن داۋاملاشتى. سۇ ئۇلغايغانسېرى كېمە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.‏ ¹⁸ [18] سۇ تېخىمۇ ئېگىزلەپ، كېمە سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالدى.‏ ¹⁹ [19] توپان يەر يۈزىنى قاپلاپ، ھەتتا ئېگىز تاغ چوققىلىرىمۇ كۆرۈنمەي قالدى.‏ ²⁰ [20] سۇ ئۆرلەپ تاكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىلىرىدىن يەتتە مېتىر ئېشىپ كەتكۈچە داۋاملاشتى.‏ ²¹ [21] نەتىجىدە يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان پۈتكۈل جانلىقلار، يەنى قۇشلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار پۈتۈنلەي ھالاك بولدى.‏ ²² [22] دېمەك، يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى.‏ ²³ [23] خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلارنى، يەنى ئىنسانلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە قۇشلارنى يوقاتتى. پەقەت نۇھ بىلەن ئۇنىڭ كېمىسىدىكى جانلىقلارلا ھايات قالدى.‏ ²⁴ [24] يەر يۈزىنى 150 كۈن توپان باستى. ¹ [1] لېكىن خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق جانلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى.‏ ² [2] يەر ئاستىدىكى بۇلاقلار يېپىلدى، ئاسماندىن يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرمۇ توختىدى.‏ ³ [3] 150 كۈندىن كېيىن سۇ ئاستا-ئاستا ئازىيىشقا باشلىدى.‏ [4] 7-ئاينىڭ 17-كۈنى كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىدە توختىدى.‏

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 8: 13-22

¹³ [13] نۇھ 601 ياشقا كىرگەن يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سۇ يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يېنىپ بولدى. نۇھ كېمىنىڭ تۈڭلۈكىنى ئېچىپ، ئەتراپىغا قاراپ، يەر يۈزىنىڭ قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆردى.‏ ¹⁴ [14] 2-ئاينىڭ 27-كۈنى يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى. ‏ ¹⁵⁻¹⁶ [15] ‏-16 خۇدا نۇھقا: _ ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى كېمىدىن ئېلىپ چىققىن.‏ ¹⁷ [17] كېمىدىكى بارلىق مەخلۇقلار، يەنى ئۇچار قاناتلار ۋە چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ئېلىپ چىققىن. ئۇلار يەر يۈزىدە يەنە كۆپىيىپ، زېمىنغا تارالسۇن، _ دېدى. ‏ ¹⁸ [18] شۇنىڭ بىلەن نۇھ ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ، كېمىدىن چىقتى.‏ ¹⁹ [19] يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار، يەنى چوڭ-كىچىك ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار ئۆز تۈرلىرى بىلەن توپ-توپ بولۇشۇپ كېمىدىن چىقىشتى. نۇھنىڭ خۇداغا قۇربانلىق قىلىشى ‏ ²⁰ [20] نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ھالال ھايۋان ۋە ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.‏ ²¹ [21] پەرۋەردىگار قۇربانلىقنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئەمدى زېمىننى قارغىمايمەن. ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەيمەن.‏ ²² [22] زېمىن مەۋجۇت بولىدىكەن، ئۇنىڭدا تېرىم-يىغىم، ئىسسىق-سوغۇق، قىش-ياز، كېچە-كۈندۈز مەۋجۇت بولىدۇ!» دېدى.

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00