¹ [1] پەرۋەردىگار ئىبرامغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئاتاڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-جەمەتلىرىڭدىن ئايرىلىپ، يۇرتۇڭدىن چىقىپ كەتكىن. مەن ساڭا بىر يەرنى كۆرسىتىمەن، سەن شۇ يەرگە بارغىن. ² [2] «مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، سەن بەخت مەنبەسى بولىسەن. ³ [3] ساڭا بەخت تىلىگەنلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن، ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ئوقۇيمەن. سەن ئارقىلىق ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن!» ⁴ [4] شۇڭا ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن 75 يېشىدا خاران شەھىرىدىن يولغا چىقتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولغا چىقتى. ⁵ [5] ئىبرام ئايالى ساراھ، جىيەنى لۇت ۋە ئۆزلىرى خاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن ⁶ [6] سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەكەم شەھىرىگە يېقىن مورەھ دېگەن جايىدىكى چوڭ بىر دۇپ دەرىخىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا كەنئانلىقلار شۇ زېمىندا ياشايتتى. ⁷ [7] پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. شۇڭا ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى.
¹ [1] بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. ² [2] لېكىن ئىبرام: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئەلىئەزەردۇر. ³ [3] سەن ماڭا پەرزەنت بەرمىدىڭ، شۇڭا مېنىڭ تەئەللۇقاتىمغا چاكىرىم مىراسخور بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ⁴ [4] ئارقىدىنلا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئەلىئەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغلۇڭلا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ⁵ [5] شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: _ ئاسمانغا قارا، يۇلتۇزلارنى سانىيالىساڭ ساناپ باق. سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە ئاشۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى. ⁶ [6] ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. پەرۋەردىگار بۇنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00