خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرنى چاقىرىشى

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

مىسىردىن چىقىش 2: 23-3: 14

²³ [23] ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىمۇ ئۆلدى. لېكىن ئىسرائىللار يەنىلا ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن قاتتىق ئازاب چېكىۋاتاتتى. ئۇلار خۇدادىن ياردەم تىلەپ، نالە-پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى خۇداغا يەتتى.‏ ²⁴ [24] خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.‏ ²⁵ [25] خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىنتايىن ئىچ ئاغرىتتى. ¹ [1] مۇسا مىديان روھانىيسى، يەنى قېيىنئاتىسى يېترونىڭ (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. ئۇ بىر كۈنى پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى.‏ ² [2] ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تۇيۇقسىز چاتقاللىقتىكى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوت ئىچىدىن ئۇنىڭغا كۆرۈندى. ئۇ كۆردىكى، چاتقاللىقتا ئوت كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چاتقاللىق كۆيمەيۋاتاتتى.‏ ³ [3] ئۇ «بۇ ئاجايىپ ئىشقۇ، چاتقاللىق نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ يېنىغا بېرىپ قاراپ باقايچۇ!» دەپ ئويلىدى. ‏ [4] مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار چاتقاللىقنىڭ ئىچىدىن: _ مۇسا! مۇسا! _ دەپ چاقىردى. _ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.‏ [5] خۇدا ئۇنىڭغا: _ يېقىن كەلمە، چورۇقلىرىڭنى سال، چۈنكى سەن تۇرۇۋاتقان بۇ يەر مۇقەددەستۇر.‏ [6] مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇرمەن، _ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى. ‏ [7] پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.‏ [8] شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر.‏ [9] خەلقىمنىڭ قىلغان نالە-پەريادى قۇلىقىمغا ئاڭلانماقتا. مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارنى قانداق ئەزگەنلىكىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرماقتا.‏ ¹⁰ [10] شۇڭا سېنى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن. سەن بېرىپ، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىق.‏ ¹¹ [11] لېكىن مۇسا خۇداغا: _ مەن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقالايدىغان قانچىلىك چوڭ ئادەم ئىدىم؟ _ دېدى.‏ ¹² [12] خۇدا ئۇنىڭغا: _ مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، سىلەر بۇ تاغقا كېلىپ ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ مېنىڭ سېنى ئەۋەتكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ، _ دېدى. ‏ ¹³ [13] _ مەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا: «مېنى بۇ يەرگە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي: «كىم ئۇ؟» دەپ سورىسا، مەن نېمە دەيمەن؟ _ دېدى مۇسا.‏ ¹⁴ [14] خۇدا مۇنداق دېدى: _ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»دۇرمەن. سەن بېرىپ، ئۇلارغا: «مېنى ‹مەڭگۈ بار بولغۇچى› ئەۋەتتى» دېگىن.‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00