ئۆتۈپ كېتىش بايرىمدىكى قوربانلىق

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

مىسىردىن چىقىش 12: 1-14

¹ [1] پەرۋەردىگار مىسىردا مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ‏ ² [2] _ ھازىردىن باشلاپ، بۇ ئاي ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى بولسۇن.‏ ³ [3] سىلەر تۆۋەندىكىلەرنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تاپىلاڭلار. مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەن خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بىر قوچقار ياكى تېكە تەييارلىسۇن.‏ [4] ئەگەر ئائىلىسىدە ئادەم سانى ئاز بولۇپ، بىر مال كۆپلۈك قىلسا، ئۇنى قوشنىسى بىلەن بىرلىشىپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشىنى ئادەم سانى ۋە يېيىش مىقدارىغا قاراپ تەقسىم قىلسۇن.‏ [5] لېكىن قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال بىر ياشلىق بېجىرىم قوچقار ياكى تېكە بولسۇن.‏ [6] پۈتۈن ئىسرائىل ئائىلىلىرى تاللىغان ماللىرىنى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ياخشى بېقىپ، شۇ كۈنى گۇگۇم ۋاقتىدا بوغۇزلىسۇن.‏ [7] ئاندىن قۇربانلىقنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىقنىڭ گۆشنى يېگەن ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكىنىڭ بېشى ۋە كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن.‏ [8] شۇ كېچىسى گۆشنى ئوتتا پىشۇرۇپ، ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات ۋە پېتىر نان بىلەن يېسۇن.‏ [9] قۇربانلىقنى خام ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېمەي، ئىچ-باغرى بىلەن پۈتۈن پېتى ئوتتا پىشۇرۇپ يېسۇن.‏ ¹⁰ [10] ئېشىپ قالغىنىنى ئەتىسىگە قالدۇرماي، شۇ كېچىسىلا كۆيدۈرۈۋەتسۇن.‏ ¹¹ [11] قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېگەن ۋاقتىدا، خۇددى سەپەرگە تەييارلانغاندەك بەللىرىنى چىڭ باغلاپ، چورۇقلىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا ھاسىلىرىنى تۇتۇشۇپ تېز يېسۇن. بۇ كېچە مەن پەرۋەردىگارنى ھۆرمەتلەپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزىدىغان كېچە بولىدۇ. ‏ ¹² [12] بۇ كېچىسى مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ يۈرۈپ، مەيلى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ياكى تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.‏ ¹³ [13] ئىشىك كېشەكلىرىگە سۈركەپ قويۇلغان قان سىلەر تۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ بەلگىسىدۇر. مەن بۇ قانلارنى كۆرگىنىمدە، ئۆيلىرىڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن. مىسىرلىقلارنى جازالىغان ۋاقتىمدا، سىلەرگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمەيدۇ. پېتىر نان ھېيتى ‏ ¹⁴ [14] پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سىلەر بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.‏

مىسىردىن چىقىش 12: 21-32

²¹ [21] مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ ھەربىر ئائىلە بىردىن مال تاللاپ، ئۇنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سويسۇن. ‏ ²² [22] قوللىرىغا بىر تۇتام لېپەكگۈل ئېلىپ، قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ داستىكى قېنىغا چىلاپ، ئۇنى ئىشىكلىرىنىڭ بېشى ۋە كېشىكىگە سۈركىسۇن. ئەتىسى ئەتىگەنگىچە، ھېچكىم ئىشىكتىن چىقمىسۇن.‏ ²³ [23] چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بۇ زېمىننى كېزىدۇ. پەرۋەردىگار ئىشىك بېشى ۋە كېشەكتىكى قاننى كۆرگىنىدە، ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ، سىلەرنى ھالاك قىلىشىغا يول قويمايدۇ.‏ ²⁴ [24] سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار بۇ قائىدىگە مەڭگۈ ئەمەل قىلىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.‏ ²⁵ [25] سىلەر پەرۋەردىگار بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردىمۇ، بۇ ھېيت ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىڭلار.‏ ²⁶ [26] ئەگەر پەرزەنتلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ قانداق ھېيت؟» دەپ سورىسا،‏ ²⁷ [27] سىلەر: «بۇ ئۆتۈپ كېتىش كۈنىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىق مۇراسىمىدۇر. چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ جېنىنى ئالغان كېچىدە، ئۇ بىز ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئائىلىلىرىمىزنى ساقلاپ قالغانىدى» دەڭلار. ئىسرائىللار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.‏ ²⁸ [28] ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. تۇنجى ئوغۇل ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ‏ ²⁹ [29] شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پەرۋەردىگار تەختتە ئولتۇرغان پىرئەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ تاكى زىنداندىكى مەھبۇسلارنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى ئالدى، شۇنداقلا تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللارنىمۇ ئۆلتۈردى.‏ ³⁰ [30] ئۇ كېچە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلق ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. چۈنكى ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئائىلە يوق ئىدى.‏ ³¹ [31] ئۇ كېچە پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ دەرھال كېتىڭلار! ھەممە ئىسرائىللارنى باشلاپ، يۇرتۇمدىن تېز چىقىپ كېتىڭلار. ئۆزۈڭلار تەلەپ قىلغىنىڭلاردەك بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار.‏ ³² [32] كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىڭلار. ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلىپ قويۇڭلار، _ دېدى. ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00