¹ [1] خۇدا مۇنداق دېدى: ² [2] _ مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. ³ [3] مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭلار بولمىسۇن. ⁴ [4] ئاسمان، زېمىن ۋە سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار. ⁵ [5] ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن. ⁶ [6] لېكىن مېنى سۆيگەن، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن. ⁷ [7] نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن. ⁸ [8] دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. ⁹ [9] ئالتە كۈن ئىشلەپ، ھەممە ئىشلىرىڭلارنى قىلىۋېلىڭلار. ¹⁰ [10] يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى پەرزەنتلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. ¹¹ [11] مەن پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمان، زېمىن، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئالتە كۈندە ياراتتىم. لېكىن يەتتىنچى كۈنى دەم ئالدىم. شۇڭا مەن پەرۋەردىگار دەم ئېلىش كۈنىگە بەخت ئاتا قىلىپ، بۇ كۈننى مۇقەددەس كۈن دەپ بەلگىلىدىم. ¹² [12] ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر. ¹³ [13] قاتىللىق قىلماڭلار. ¹⁴ [14] زىنا قىلماڭلار. ¹⁵ [15] ئوغرىلىق قىلماڭلار. ¹⁶ [16] يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار. ¹⁷ [17] باشقىلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئايالى، قۇللىرى، دېدەكلىرى، ئۆكۈزلىرى، ئېشەكلىرى ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار. خەلقنىڭ ۋەھىمىسى
¹ [1] پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ² [2] _ ئەگەر بىرسى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، يەنى بىرسى ساقلاپ بېرىشكە ئامانەت قويغان ياكى گۆرۈگە قويغان نەرسىگە خىيانەت قىلسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىۋالسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ناھەق يول بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، ³ [3] ياكى تېپىۋالغان نەرسىسىنى ئېتىراپ قىلمىسا ۋە يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلمىدىم، دەپ مەن خۇدانىڭ نامى بىلەن يالغان قەسەم قىلسا، ⁴ [4] ئوغرىلىۋالغان، ئىگىلىۋالغان، ئالدىۋالغان ۋە تېپىۋالغان ⁵ [5] ھەرقانداق نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن ۋە ئۈستىگە ئەسلى باھاسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۇنغان كۈننىڭ ئۆزىدە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسۇن. ⁶ [6] شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم ۋە مۇۋاپىق باھادىكى قوچقاردىن بىرنى ماڭا ئاتاپ، روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن. ⁷ [7] روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ ھەرقانداق گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە گۇناھكارمۇ گۇناھلىق ئىشلىرىدىن كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ. يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00