¹⁰ [10] شۇ دەۋرلەردە ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى. ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈشى ¹¹ [11] كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى. ¹² [12] -13 ئۇلار ئۆزلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىدى. ئەتراپىدىكى خەلقلەر چوقۇنىدىغان بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ¹³ [14] شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا، يەنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى. ¹⁴ [15] ئۇلار ھەر قېتىم جەڭگە چىققاندا پەرۋەردىگار ئۆزى قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىنتايىن زور بالايىئاپەتلەرگە دۇچار قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا سەردارلارنى تەيىنلىشى ¹⁵ [16] پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا سەردارلارنى تەيىنلەپ بەردى. ¹⁶ [17] لېكىن ئىسرائىللار بۇ سەردارلارغىمۇ ئىتائەت قىلماي، پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇندى ۋە سەجدە قىلىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يولىنى تۇتماي، تېزدىنلا بۇ يولدىن يۈز ئۆرۈدى. ¹⁷ [18] پەرۋەردىگار ھەر قېتىم ئۆزى تەيىنلىگەن سەردارلارغا يار بولۇپ، ئۇلار ھايات چاغلاردا خەلقنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزاتتى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئازاب چېكىپ، خورلۇق ئىچىدە قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا رەھىم قىلاتتى. ¹⁸ [19] بىراق سەردارلارنىڭ كۆزى يۇمۇلۇشى بىلەنلا، ئۇلار يەنە ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، چىرىك يولغا مېڭىپ، ئاتا-بوۋىلىرىدىن بەكرەك رەزىللىشىپ كېتەتتى. يات ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇناتتى ۋە سەجدە قىلاتتى، رەزىللىك ۋە جاھىللىقتىن ۋاز كەچمەيتتى. ¹⁹ [20] شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپلىنىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ خەلق ئەجدادلىرىنىڭ رىئايە قىلىشىغا بۇيرۇغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى. ²⁰ [21] -22 مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمدا ئۆز ئەجدادلىرىدەك ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، يوشۇۋانىڭ ۋاقتىدا بۇ يەردە قېلىپ قالغان يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقارمايمەن.» ²¹ [23] شۇ ۋەجىدىن پەرۋەردىگار ئۇ خەلقلەرنى يوشۇۋانىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرمىگەنىدى. يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى تېزلا قوغلاپ چىقىرىۋەتمەي، داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرۇپ قېلىشىغا يول قويغانىدى.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00