خۇدا بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىدۇ.

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

يەشايا 52: 13-53: 12

¹³ [13] قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارىم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ئۇ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىززەتلىنىدۇ ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ. ‏ ¹⁴ [14] نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالىدۇ، تېنى قاتتىق زەخىملەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سىياقى ئادەم زاتىغا ئوخشىماي قالغانىدى. ‏ ¹⁵ [15] مانا ئەمدى ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇنى كۆرگەن پادىشاھلارمۇ ئاغزىنى ئېچىپلا قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن خەۋەردار بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ، ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى بىلىدۇ. ¹ [1] بىز يەتكۈزگەن بۇ سۆزلەرگە كىم ئىشىنىدۇ؟ پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كىمگە ئايان بولدى؟ ‏ ² [2] پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى خۇددى يېڭى ئۈنۈپ چىققان ئاجىز مايسىدەك، خۇددى قۇرغاق تۇپراقتا يېتىلگەن يىلتىزدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇنىڭ بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغۇدەك سالاپەتلىك تۇرقى، بىز ھەۋەس قىلغۇدەك گۈزەل سىياقىمۇ يوق. ‏ ³ [3] ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جەبىر-جاپانى يەتكۈچە تارتتى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى، ئۇنى بىزمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنىدۇق. ‏ [4] ھالبۇكى، ئۇ بىز تارتىشقا تېگىشلىك جەبىر-جاپالارنى، بىزنىڭ قايغۇلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. لېكىن بىز بولساق «ئۇنى خۇدا جازالىدى، ئۇنى خۇدا ئۇردى، خۇدا ئۇنىڭغا شۇنداق جەبىرلەرنى سالدى» دەپ ئويلىدۇق. ‏ [5] لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز سەۋەبىدىن ئېزىلدى. ئۇنىڭ جازالىنىشى بىلەن بىز تىنچلىققا ئېرىشتۇق، ئۇنىڭ يارىلانغان تېنى بەدىلىگە بىز شىپالىق تاپتۇق. ‏ [6] ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى. ‏ [7] ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى، لېكىن ئۇ ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان قوزىدەك، خۇددى يۇڭ قىرقىغۇچىنىڭ ئالدىدا ياتقان قويدەك، ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى. ‏ [8] ئۇ ناھەق تۇتۇپ كېتىلىپ، ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، ئۇنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى. ئۇ خەلقىمىزنىڭ قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىن يوقىتىلدى. ‏ [9] گەرچە ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغان بولسىمۇ، ھېچقاچان ھىيلە-مىكىرلىك ئىشلارنى قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جىنايەتچىلەر قاتارىدىن قەبرە بېرىلگەنىدى، لېكىن ئۇ ئۆلگەندە، بايلار قاتارىغا قويۇلدى. ‏ ¹⁰ [10] ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ‏ ¹¹ [11] ئۇ ھامان ئۆزى چەككەن جەبىر-جاپالارنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھەققانىي خىزمەتكارىمنىڭ چەككەن جەبىر-جاپالىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ‹ھەققانىي ئادەم› دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ‏ ¹² [12] مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن، ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ، گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.»

يەشايا 9: 1-7

¹ [1] لېكىن ئەمدى بۇ كۈلپەتلىك زېمىندا ئازاب ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. بۇرۇن پەرۋەردىگار زەبۇلۇن ۋە نافتالى زېمىنلىرىنى شەرمەندىچىلىكتە قويغانىدى. بىراق كېيىنچە، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى يولدىن تارتىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يەرلەر ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر تۇرىدىغان جەلىلىيەگىچە شان-شەرەپكە تولدۇرىدۇ. ‏ ² [2] قاراڭغۇلۇقتا يۈرگەنلەر پارلاق يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتە ياشىغانلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ. ‏ ³ [3] ئى خۇدا، سەن خەلقنى كۆپەيتكەنسەن. سەن ئۇلارغا كۆپ خۇرسەنلىك ئاتا قىلغانسەن، ئۇلار سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا شادلىنىدۇ، خۇددى ھوسۇل ئالغاندا شادلىققا تولغانغا ئوخشاش، خۇددى ئولجىلارنى بۆلۈشكەن چاغدا شادلىققا چۆمگەنگە ئوخشاش. ‏ [4] بۇ خەلقنىڭ بوينىدىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ تاشلىغانسەن، يەلكىسىدىكى زۇلۇم تايىقىنى ۋە زالىملارنىڭ كالتىكىنى مىدياننى مەغلۇپ قىلغانغا ئوخشاش سۇندۇرۇپ تاشلىغانسەن. ‏ [5] لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتا كىيگەن ئۆتۈكلىرى، قانغا مىلەنگەن كىيىم-كېچەكلىرى يېقىلغۇ ئورنىدا كۆيدۈرۈلىدۇ. ‏ [6] بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ دەپ ئاتىلىدۇ. ‏ [7] ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ پادىشاھلىق شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان-دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ! پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپى ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00