ھەزرىتى ئەيسا ساقايتىدۇ ۋە كەچۈرۈم قىلىدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 5: 17-32

¹⁷ [17] بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار جەلىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەزرىتى ئەيساغا يار بولغاچقا، كېسەللەرنى ساقايتىۋاتاتتى.‏ ¹⁸ [18] شۇ ئەسنادا، بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە تىرىشتى،‏ ¹⁹ [19] بىراق، ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرەلمەي، ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىن تۈڭلۈك ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە چۈشۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكەلدى.‏ ²⁰ [20] ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە: _ دوستۇم، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! _ دېدى. ‏ ²¹ [21] ھېلىقى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر بىر-بىرىگە: _ قورقماستىن بۇنداق كۇپۇر سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ! _ دېيىشتى. ‏ ²² [22] ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟‏ ²³ [23] ‏-24 «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس. ئەمما، ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە ھەم گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش، ھەم كېسەللەرنى ساقايتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، _ دېدى. ئاندىن، پالەچ كېسەلگە: _ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! _ دەپ بۇيرۇدى. ‏ ²⁴ [25] ھېلىقى ئادەم دەرھال كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى مەدھىيىلىگىنىچە ئۆيىگە قايتتى.‏ ²⁵ [26] بۇنىڭغا ھەيران بولغان كۆپچىلىكمۇ خۇدانى مەدھىيىلەشتى ۋە ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا: _ بۈگۈن بىز ئەقلىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى كۆردۇق! _ دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ لاۋىينى چاقىرىشى ‏ ²⁶ [27] بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: _ ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى. ‏ ²⁷ [28] لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشتى. ‏ ²⁸ [29] شۇ كۈنى، لاۋىي ئۆيىدە ھەزرىتى ئەيساغا كاتتا زىياپەت بەردى. تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى.‏ ²⁹ [30] كېيىن، بەزى پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى رەنجىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: _ سىلەرنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىڭلار قانداق گەپ؟! _ دېيىشتى. ‏ ³⁰ [31] ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: _ ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەم تېۋىپقا موھتاجدۇر.‏ ³¹ [32] مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى توۋا قىلىشقا چاقىرغىلى كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى. روزا تۇتۇش مەسىلىسى ‏ ³² [33] بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيساغا: _ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى پات-پات روزا تۇتۇپ دۇئا قىلىدۇ. پەرىسىيلەرنىڭ شاگىرتلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز ئەجەب يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! _ دېيىشتى. ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00