³⁵ [35] ئۇ كۈنى كەچقۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: _ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەيلى، _ دېدى. ³⁶ [36] شاگىرتلار خالايىقتىن ئايرىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇرغان كېمىگە چۈشۈپ، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى. ³⁷ [37] قاتتىق بوران چىقىپ، دولقۇنلار شۇنداق ئۇردىكى، كېمىگە سۇ توشاي دەپ قالغانىدى. ³⁸ [38] ھەزرىتى ئەيسا كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ: _ ئۇستاز، بىز غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتساق، كارىڭىز يوقمۇ؟ _ دېيىشتى. ³⁹ [39] ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ بورانغا بۇيرۇق قىلدى ۋە دولقۇنلارغا: «توختا! تىنچلان!» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، بوران توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممىسى تىنچىدى. ⁴⁰ [40] ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: _ نېمانچە قورقىسىلەر! تېخىچە ئىشەنچىڭلار يوقمۇ؟ _ دېدى. ⁴¹ [41] ئۇلار بولسا قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە بىر-بىرىگە: _ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! _ دەپ كېتىشتى. ¹ [1] ئۇلار كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى گېراسالىقلار تۇرىدىغان يەرگە باردى. ² [2] ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، جىن چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. ³ [3] ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان تۇتقان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى ھەتتا زەنجىر بىلەنمۇ باغلاپ قويالمايتتى. ⁴ [4] بىرنەچچە قېتىم قوللىرى زەنجىرلىنىپ، پۇتلىرىغا كىشەنلەر سېلىنغان بولسىمۇ، زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى. ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى. ⁵ [5] كېچە-كۈندۈز مازارلىق ۋە دالالاردا ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى. ئۆز-ئۆزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇراتتى. ⁶ [6] ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، يۈگۈرگەن پېتى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەرگە باش قويدى ⁷ [7] ۋە قاتتىق ۋارقىراپ: _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! خۇدا ئالدىدا سەندىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، مېنى قىينىما! _ دېدى. ⁸ [8] سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا: «ھەي جىن، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق!» دەپ بۇيرۇغانىدى. ⁹ [9] ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن: _ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ ئىسمىم «مىڭلىغان»، چۈنكى سانىمىز كۆپ، _ دەپ جاۋاب بەردى بۇ ئادەمنى سۆزلىتىۋاتقان جىن ¹⁰ [10] ۋە ھەزرىتى ئەيسادىن ئۆزلىرىنى ئۇ زېمىندىن چىقىرىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. ¹¹ [11] شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. ¹² [12] جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا: _ بىزنى مۇشۇ توڭگۇز پادىسىغا ھەيدىۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە ئىجازەت بەرگىن، _ دەپ يالۋۇرۇشتى. ¹³ [13] ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىجازىتى بىلەن جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتتى. ئىككى مىڭغا يېقىن توڭگۇز پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى تىك ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. ¹⁴ [14] توڭگۇز باققۇچىلار ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. خالايىقمۇ ئەھۋالنى كۆرگىلى چىقىشتى. ¹⁵ [15] ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئىلگىرى مىڭلىغان جىنلارغا ئەسىر بولغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. ¹⁶ [16] بۇ مۆجىزىنى كۆرگەنلەر جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خالايىققا سۆزلەپ بەردى. ¹⁷ [17] بۇنىڭ بىلەن، خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. ¹⁸ [18] ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چىقىۋاتقاندا، ئىلگىرى جىن چاپلاشقان ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا: _ مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتەي، _ دەپ يالۋۇردى. ¹⁹ [19] لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلماي: _ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا رەببىڭنىڭ ساڭا نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ۋە قانچىلىك مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى يەتكۈزگىن، _ دېدى. ²⁰ [20] ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قىلىپ بەرگەن چوڭ ئىشلارنى ئون شەھەر رايونىدا تارقىتىشقا باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى.تىرىلدۈرۈلگەن قىز ۋە ساقايتىلغان ئايال
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00