يوقالغانلارنىڭ تېپىلىشى

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15: 1-24

¹ [1] باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكار دەپ قارالغانلار ھەمىشە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلايتتى.‏ ² [2] پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غوتۇلدىشىپ: _ بۇ ئادەم نېمىشقا دائىم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ؟ _ دېيىشتى.‏ ³ [3] شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا بۇ ھەقتە ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ‏ [4] _ ئەگەر ئىچىڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى يوقىلىپ كەتكەن بولسا، ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ جەزمەن قالغان توقسان توققۇز قوينى ئوتلاققا تاشلاپ، ھېلىقى يوقالغان قويىنى تېپىلغۇچە ئىزدەيدۇ.‏ [5] تېپىۋالغاندا، ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، قوينى مۈرىسىگە ئارتىپ،‏ [6] ئۆيىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئاندىن، قولۇم-قوشنا، يار-بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «يوقالغان قويۇمنى تېپىۋالغىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن! تەبرىكلەيلى!» دەيدۇ.‏ [7] مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلغان بىر گۇناھكار ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىك توۋا قىلىشى ھاجەتسىز بولغان توقسان توققۇز ئادىل كىشى ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىكتىن چوڭ بولىدۇ. يوقالغان تەڭگە توغرىسىدىكى تەمسىل ‏ [8] _ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئون دانە قىممەتلىك كۈمۈش تەڭگىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرىنى يوقىتىپ قويسا، قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ جەزمەن چىراغنى ياندۇرۇپ، ئۆينى سۈپۈرۈپ تاكى تەڭگە تېپىلغۇچە ھەممە يەرنى زەن قويۇپ ئاختۇرۇپ چىقىدۇ.‏ [9] ناۋادا تېپىۋالسا، قولۇم-قوشنا، يار-بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «يوقىتىپ قويغان تەڭگەمنى تېپىۋالغىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن! تەبرىكلەيلى!» دەيدۇ.‏ ¹⁰ [10] مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. مېھىر-شەپقەتلىك ئاتا توغرىسىدىكى تەمسىل ‏ ¹¹ [11] ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: _ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن.‏ ¹² [12] كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئاتا، ماڭا تېگىشلىك مىراسلارنى ھازىرلا بەرگەيسىز» دەپتۇ. ئاتىسى مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىپتۇ.‏ ¹³ [13] بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى ئۆزىگە تەگكەن مال-مۈلۈكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر دۆلەتكە بېرىپ، ئۇ يەردە مال-دۇنياسىنى خالىغىنىچە بۇزۇپ-چېچىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.‏ ¹⁴ [14] ئۇنىڭ پۇلى تۈگەپ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، دەل ئۇ يەردىمۇ ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپتۇ.‏ ¹⁵ [15] شۇڭا، ئۇ قورساق بېقىش ئۈچۈن، شۇ يەرلىك بىر كىشىگە مەدىكار بولۇشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ئۇ كىشى ئۇنى ئۆز قورۇقىدا چوشقا باقتۇرۇپتۇ.‏ ¹⁶ [16] ئۇ چوشقىغا بېرىلىدىغان پۇرچاق پوستى بىلەن قورسىقىنى تويدۇرماقچى بوپتۇ، لېكىن ئۇنىمۇ ھېچكىم بەرمەپتۇ. ‏ ¹⁷ [17] كېيىن، ئۇ ئەقلىگە كېلىپ: «ئاتامنىڭ مەدىكارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ. مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەمدىمەن؟‏ ¹⁸ [18] ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن.‏ ¹⁹ [19] ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىققا قوبۇل قىلغايسىز!› دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ.‏ ²⁰ [20] شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپتۇ. ئاتىسى ئوغلىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ.‏ ²¹ [21] ئوغلى: «ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن. ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن» دەپتۇ.‏ ²² [22] بىراق، ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلار.‏ ²³ [23] ئاندىن، راسا بوردالغان تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالايلى!‏ ²⁴ [24] چۈنكى، ئوغلۇم ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى!» دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام يەپ-ئىچىشىپ، كۆڭۈل ئېچىشىپتۇ. ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00