¹⁷ [17] پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىشىپ: _ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ _ دەپ سورىدى. ¹⁸ [18] ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: _ يېرۇسالېمغا كىرىپ پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستازىمىز: ‹ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلاپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى شاگىرتلىرىم بىلەن بىرلىكتە سىلەرنىڭ ئۆيدە ئۆتكۈزەي› دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، _ دېدى. ¹⁹ [19] شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى شۇ يەردە تەييارلاشقا كىرىشتى. ²⁰ [20] كەچقۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن داستىخاندا ئولتۇردى. ²¹ [21] ئۇ تاماق يەۋېتىپ: _ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، _ دېدى. ²² [22] بۇ سۆز ئۇلارنى ئىنتايىن قايغۇغا سالدى. ئۇلار بىر-بىرلەپ: _ يا رەببىم، مەن ئەمەستىمەن؟ _ دەپ سوراشقا باشلىدى. ²³ [23] _ ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى قولىدىكى ناننى تەخسىگە مەن بىلەن بىللە تۆگۈرگەن كىشىدۇر. ²⁴ [24] ئىنسانئوغلى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسىچۇ كاشكى! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ²⁵ [25] ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلماقچى بولغان يەھۇدا: _ ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟ _ دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: _ دەل سەن، _ دېدى. ²⁶ [26] ئۇلار تاماق يېيىشىۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: _ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، _ دېدى. ²⁷ [27] ئاندىن، قولىغا بىر جام ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى شاگىرتلىرىغا سۇنۇپ: _ ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. ²⁸ [28] بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. ²⁹ [29] شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدائاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىچە شارابتىن ئىچمىگۈچە، بۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، _ دېدى. ³⁰ [30] ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ تانىدىغانلىقىنى ئېيتىشى
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00