¹ [1] ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇئانى قىلغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى كىدرون ۋادىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغچە بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى ئۇ باغچىگە كىردى. ² [2] ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن پات-پات ئۇ يەردە جەم بولاتتى. ³ [3] شۇنداق قىلىپ، يەھۇدا بىر قىسىم رىم لەشكەرلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى. ⁴ [4] ھەزرىتى ئەيسا بېشىغا كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: _ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ⁵ [5] _ ناسىرەلىك ئەيسانى، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: _ مانا مەن شۇ، _ دېدى. ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدا تۇراتتى. ⁶ [6] ھەزرىتى ئەيسا: «مانا مەن شۇ» دېيىشىگىلا، ئۇلار ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى. ⁷ [7] ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم: _ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. _ ناسىرەلىك ئەيسانى، _ دېيىشتى ئۇلار. ⁸ [8] _ سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مانا مەن شۇ. ئەگەر مېنىلا ئىزدىگەن بولساڭلار، بۇلارنى تۇتماڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ⁹ [9] بۇنىڭ بىلەن، ئۆزىنىڭ: «ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يوقاتمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى. ¹⁰ [10] سىمۇن پېترۇس يېنىدىكى قىلىچنى قولىغا ئېلىپ، باش روھانىينىڭ مالكۇس ئىسىملىك چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. ¹¹ [11] ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: _ قىلىچنى غىلىپىڭغا سال! مېنى ئاتام ئەمر قىلغان بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمەيدۇ دەمسەن؟ _ دېدى.ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھانناننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىشى ¹² [12] شۇنىڭ بىلەن، لەشكەر توپى بىلەن قوماندانى ھەم يەھۇدىيلار ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى. ¹³ [13] ئاندىن، ئۇنى ئالدى بىلەن شۇ يىلى باش روھانىي بولۇپ تۇرغان قاياپانىڭ قېيناتىسى ھانناننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. ¹⁴ [14] بۇرۇن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا: «پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىرلا ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ئەۋزەل» دېگەن كىشى دەل شۇ قاياپا ئىدى.پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن تېنىشى
²⁸ [28] تاڭ يورۇغاندا، ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىۋالمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا جەم بولالمايتتى. ²⁹ [29] شۇڭا، ۋالىي پىلاتۇس تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن نېمە ئىش توغرۇلۇق ئەرز قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ³⁰ [30] ئۇلار: _ بۇ ئادەم يامان ئىش قىلمىغان بولسا، ئۇنى سىزگە تاپشۇرمىغان بولاتتۇق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ³¹ [31] _ ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە سوراڭلار، _ دېدى ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا. ئۇلار: _ بىزنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، _ دېيىشتى. ³² [32] ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىشلار يۈز بەردى. ³³ [33] ۋالىي پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ³⁴ [34] ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: _ بۇ سوئالنى ئۆزىڭىز قويۇۋاتامسىز ياكى باشقىلار مەن توغرۇلۇق سىزگە شۇنداق ئېيتقانمۇ؟ _ دېدى. ³⁵ [35] _ مەن يا يەھۇدىي بولمىسام مۇنداق سوئاللارنى سورايدىغان! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە ئالىي روھانىيلارغۇ! نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ _ دېدى ۋالىي پىلاتۇس. ³⁶ [36] _ مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس. ئەگەر مەنسۇپ بولسىدى، شاگىرتلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلغان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلىققا ئوخشىمايدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ³⁷ [37] _ دېمەك سەن بىر پادىشاھ، شۇنداقمۇ؟ _ دېدى ۋالىي پىلاتۇس. _ ئېيتقىنىڭىزدەك، مەن پادىشاھ، مەن ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدىم، ھەقىقەتتە تۇرىدىغان كىشىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ³⁸ [38] ۋالىي پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: _ «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ۋالىي پىلاتۇس بۇنداق دەپ سورىغاندىن كېيىن، يەنە تاشقىرىغا چىقىپ يەھۇدىيلارغا: _ مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم. ³⁹ [39] لېكىن، سىلەرنىڭ ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يەھۇدىي مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئادىتىڭلار بار. شۇڭا، ئەگەر خالىساڭلار، بۇ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»نى قويۇپ بېرەي؟ _ دېدى. ⁴⁰ [40] ئۇلار يەنە: _ بۇ ئادەمنى ئەمەس، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! _ دەپ چۇقان سېلىشتى. (بارابباس بىر قاراقچى ئىدى.)
¹ [1] بۇنىڭ بىلەن، ۋالىي پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قامچىلاتتى. ² [2] لەشكەرلەر تىكەن شاخلىرىنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى. ³ [3] ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ: _ ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى»! _ دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنى كاچاتلاشتى. ⁴ [4] ۋالىي پىلاتۇس يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا: _ دىققەت! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقىمەن، _ دېدى. ⁵ [5] بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا بېشىدىكى تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىدىكى سۆسۈن رەڭلىك تون بىلەن تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا: _ مانا، ئۇ ئادەم! _ دېدى. ⁶ [6] ئالىي روھانىيلار ۋە ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ: _ ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ، كرېستكە مىخلىتىڭ! _ دەپ ۋارقىراشتى. _ ئۇنى ئۆزۈڭلار مىخلاڭلار! مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! _ دېدى پىلاتۇس. ⁷ [7] يەھۇدىيلار مۇنداق دېيىشتى: _ بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك. ⁸ [8] ۋالىي پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ، ⁹ [9] يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: _ سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ _ دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بەرمىدى. ¹⁰ [10] _ سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بولغىنىدەك، كرېستكە مىخلاشقىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ _ دېدى ۋالىي پىلاتۇس. ¹¹ [11] _ سىزگە ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ¹² [12] شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قويۇۋەتمەكچى بولدى، لېكىن يەھۇدىيلار: _ بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، رىم ئىمپېراتورىنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز! كىم ئۆزىنى پادىشاھ دېسە، ئۇ كىشى ئىمپېراتورغا قارشى چىققان بولىدۇ! _ دەپ چۇقان سېلىشتى. ¹³ [13] ۋالىي پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش ياتقۇزۇلغان ھويلا» (ئارامىي تىلىدا «غابباتا») دېگەن يەردىكى ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا ئولتۇردى. ¹⁴ [14] ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى بولۇپ، سائەت ئون ئىككىگە ئاز قالغانىدى. ۋالىي پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا: _ مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار! _ دېدى. ¹⁵ [15] _ يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! _ دەپ ۋارقىراشتى يەھۇدىيلار. _ مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستكە مىخلاتسۇن دەمسىلەر؟ _ دېدى ۋالىي پىلاتۇس. ئالىي روھانىيلار: _ رىم ئىمپېراتورىدىن باشقا پادىشاھىمىز يوق! _ دەپ توۋلاشتى. ¹⁶ [16] بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كرېستكە مىخلىنىشقا تاپشۇرۇلدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستكە مىخلىنىشى
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00