ھەزرىتى ئەيسانىڭ چاپراس ياغاچقا مىخلىنىشى

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23: 32-43

³² [32] لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە ئىككى جىنايەتچىنىمۇ ئۇلار ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسىنى بېجىرىشكە ئېلىپ كېلىشكەنىدى.‏ ³³ [33] ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىدى. ئىككى جىنايەتچىنىڭمۇ بىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنە بىرىنى سول تەرىپىگە مىخلىدى ۋە كرېستلەرنى تىكلەپ قويدى.‏ ³⁴ [34] ھەزرىتى ئەيسا: _ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، _ دېدى. لەشكەرلەر چەك تاشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.‏ ³⁵ [35] خالايىق قاراپ تۇرۇۋاتقاندا، يەھۇدىي ئاقساقاللار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: _ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر راستتىن خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ بولغان بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! _ دېيىشتى. ‏ ³⁶ [36] لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەرزان ئۈزۈم شارابى تەڭلەپ: ‏ ³⁷ [37] _ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! _ دېيىشتى. ‏ ³⁸ [38] ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىكى تاختىغا: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى.‏ ³⁹ [39] ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ: _ سەن خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزمامسەن؟! _ دېدى. ‏ ⁴⁰ [40] يەنە بىرى بولسا ھېلىقى جىنايەتچىنى ئەيىبلەپ: _ سەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش جازالىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، خۇدادىن قورقمىدىڭمۇ؟‏ ⁴¹ [41] بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق. بىز ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتتۇق، لېكىن ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغانغۇ! _ دېدى.‏ ⁴² [42] ئاندىن، ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا: _ ئى ئەيسا، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ئۇنتۇمىغايسەن، _ دېدى. ‏ ⁴³ [43] _ بىلىپ قويكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ‏

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19: 28-42

²⁸ [28] ھەزرىتى ئەيسا ھەممە ئىشلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدى. ئاندىن: _ ئۇسسىدىم! _ دېدى. بۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ‏ ²⁹ [29] ئۇ يەردە ئەرزان ئۈزۈم شارابى بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كۈپ بار ئىدى. ئۇلار ئۈزۈم شارابىغا چىلانغان بىر پارچە بۇلۇتنى لېپەكگۈل غولىغا باغلاپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاغزىغا ئۇزاتتى.‏ ³⁰ [30] ھەزرىتى ئەيسا ئۈزۈم شارابىنى تېتىغاندىن كېيىن: _ تامام بولدى! _ دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن چۈشۈرۈپ، جان بەردى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ بىقىنىغا نەيزە سانجىلىشى ‏ ³¹ [31] ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. بۇ ھېيت دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى. يەھۇدىيلار كرېستكە مىخلانغانلارنىڭ جەسىتىنى دەم ئېلىش كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇشنى توغرا تاپمايتتى. شۇڭا، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى جەسەتلەرنى كرېستتىن ئېلىۋېتىش مەقسىتىدە، ۋالىي پىلاتۇستىن مىخلانغانلارنىڭ تېزرەك ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. ‏ ³² [32] شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر بېرىپ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ھېلىقى ئىككى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋەتتى.‏ ³³ [33] لېكىن، ھەزرىتى ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى.‏ ³⁴ [34] بىراق، لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىسىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى. ‏ ³⁵ [35] سىلەرنى ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى كۆرگۈچى گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر. كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.‏ ³⁶ [36] ‏-37 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇنمايدۇ» ۋە «ئۇلار ئۆزلىرى نەيزە سانجىغان ئادەمگە قارىشىپ قالىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى ‏ ³⁷ [38] بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاراماتىيالىق يۈسۈپ ھەزرىتى ئەيسانى دەپنە قىلىش ئۈچۈن، ۋالىي پىلاتۇستىن ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. (يۈسۈپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى ئىدى. لېكىن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورققىنىدىن بۇنى مەخپىي تۇتاتتى.) ۋالىي پىلاتۇس رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ بېرىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتتى.‏ ³⁸ [39] بۇرۇن بىر كېچىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن نىكودىممۇ جەسەتكە چاچىدىغان سەبرە ئارىلاش مۇرمەككى دېگەن دورا-دەرماندىن ئوتتۇز نەچچە كىلو ئېلىپ، يۈسۈپ بىلەن بىللە كەلدى.‏ ³⁹ [40] ئىككىيلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە دورا-دەرمانلارنى چېچىپ، كەندىر رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى.‏ ⁴⁰ [41] ھەزرىتى ئەيسا كرېستكە مىخلانغان يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم قويۇلمىغان يېڭى بىر ئۆڭكۈر يەرلىك بار ئىدى.‏ ⁴¹ [42] بۇ كۈن ھېيتنىڭ ھارپىسى ھەم بۇ يەرلىك يېقىن جايدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى شۇ يەرگە دەپنە قىلدى.

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00