¹ [1] يەكشەنبە كۈنى تاڭ يورۇشى بىلەن تەڭ، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قەبرىسىگە باردى. ² [2] ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. ³ [3] قەبرىگە كىرىپ قارىسا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى! ⁴ [4] ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەي تۇرغىنىدا، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئىككى كىشى پەيدا بولدى. ⁵ [5] ئاياللار ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، باشلىرىنى يەرگە ئېگىشتى. ئۇ پەرىشتىلەر ئاياللارغا: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن تىرىك ئادەمنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ ⁶ [6] ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، ئۇ تىرىلدى. ئۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدا، سىلەرگە نېمە دېگەنلىكىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. ⁷ [7] ئۇ: «ئىنسانئوغلى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، كرېستكىمۇ مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىراق، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟! _ دېدى. ⁸ [8] ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ راست شۇنداق دېگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىشىپ، ⁹ [9] قەبرە يېنىدىن قايتىشتى. ئۇلار كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئون بىر ئەلچى ۋە باشقا شاگىرتلارغا يەتكۈزدى. ¹⁰ [10] بۇ ئىشلارنى ئەلچىلەرگە يەتكۈزگۈچى ئاياللار _ مەجدەللىك مەريەم، يوئاننا، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە باشقا ئاياللار ئىدى. ¹¹ [11] لېكىن، ئەلچىلەر بۇ ئاياللارنىڭ ئېيتقانلىرىنى قۇرۇق گەپ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى. ¹² [12] بىراق، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، مازارغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قەبرىنىڭ ئىچىگە قارىغىنىدا، ھېلىقى كەندىر كېپەندىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرمىدى. ئۇمۇ بۇ ئىشلارغا ئىنتايىن ھەيران بولۇپ قايتىپ كەتتى. ئېمايۇس يېزىسىغا بارىدىغان يولدا ¹³ [13] شۇ كۈنى، شاگىرتلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن يېزىغا باردى. ¹⁴ [14] ئۇلار يول بويى يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ¹⁵ [15] دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى. ¹⁶ [16] ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن بولسىمۇ، قانداقتۇر ئۇنى تونۇشقا قۇربى يەتمىدى. ¹⁷ [17] _ نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ كېتىۋاتىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن. ئۇلار قايغۇلۇق ھالدا قەدىمىنى توختاتتى. ¹⁸ [18] ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى ھەزرىتى ئەيسادىن: _ سەنزە، يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن قىلچە خەۋىرىڭ يوقمۇ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ¹⁹ [19] _ نېمە ۋەقە ئىكەن؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. _ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ۋەقەسىچۇ! _ دېدى ئۇلار، _ ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچى بار بىر پەيغەمبەر ئىدى. ²⁰ [20] ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللىرىمىز ئۇنى ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدۇرۇپ، كرېستكە مىخلاتتى. ²¹ [21] بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىللارغا ئازادلىق ئېلىپ كېلىدىغان كىشى دەپ، ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ كەلگەنىدۇق. بىراق، بۇنداق بولماي، ھازىر ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۈچ كۈن بولدى. ²² [22] لېكىن قىزىق يېرى شۇكى، بۈگۈن ئەتىگەندە ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال بىزنى ئالاقزادە قىلىپ، بىزگە مۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى: ئۇلار سەھەردە قەبرىگە بېرىپ قارىسا، ²³ [23] ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى كۆرۈنمەپتۇ! پەرىشتىلەر ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قايتا تىرىلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ²⁴ [24] بۇنىڭ بىلەن، بىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنىڭ دەرۋەقە يوق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كەلدى. ²⁵ [25] ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەي نادانلار! پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە نېمانچە تەستە ئىشىنىسىلەر؟ ²⁶ [26] قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن، مانا شۇ جەبىر-جاپالارنى بېشىدىن كەچۈرۈشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ ²⁷ [27] ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى. ²⁸ [28] ئۇلار بارىدىغان يېزىسىغا يېقىنلاشقاندا، ھەزرىتى ئەيسا سەپىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغاندەك تۇراتتى. ²⁹ [29] ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: _ كۈن ئولتۇردى. ھېلى قاراڭغۇ چۈشىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قېلىڭ، _ دەپ ئۆتۈندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن قونماقچى بولۇپ ئۆيگە كىردى. ³⁰ [30] ئۇلار تاماققا ئولتۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا سۇندى. ³¹ [31] شۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلغاندەك بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى تونۇدى، لېكىن ئۇ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولدى. ³² [32] ئۇلار بىر-بىرىگە: _ ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشەندۈرگەندە، قەلبىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! _ دېيىشتى. ³³ [33] -34 ئۇلار دەرھال يولغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇ يەردە باشقا ئەلچىلەر ۋە شاگىرتلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ: «رەببىمىز راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمۇنغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ³⁴ [35] شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ناننى ئوشتۇۋاتقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى قانداق تونۇپ قالغانلىقىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى ³⁵ [36] شاگىرتلار بۇ ۋەقە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، توساتتىن ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ: _ سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، _ دېدى.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00