³⁶ [37] ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە دەپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتتى. ³⁷ [38] ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: _ نېمىگە شۇنچە قورقۇشۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىدىن گۇمانلىنىسىلەر؟ ³⁸ [39] قولۇم بىلەن پۇتۇمغا قاراپ بېقىڭلار! بۇ مەن! تۇتۇپ باقساڭلار بىلىسىلەر، روھنىڭ گۆش-ئۇستىخىنى يوق. قاراڭلار، مېنىڭ بار، _ دېدى. ³⁹ [40] ھەزرىتى ئەيسا شۇنداق دېگەچ پۇت-قولىنى كۆرسەتتى. ⁴⁰ [41] ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەي، بىر خۇش بولسا، بىر ھەيران بولۇشۇپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: _ سىلەردە يەيدىغان نەرسە بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ⁴¹ [42] ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپىنى سۇنۇۋىدى، ⁴² [43] ھەزرىتى ئەيسا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى. ⁴³ [44] ئاندىن، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانىدىم. مەن: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ماڭا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟ ⁴⁴ [45] شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، ⁴⁵ [46] مۇنداق دېدى: _ مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق خاتىرىلەنگەن: قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئازاب چېكىپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۆلۈمدىن تىرىلىدۇ. ⁴⁶ [47] «گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن خۇش خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ پۈتۈن ئەللەرگە تارقىتىلىدۇ. ⁴⁷ [48] سىلەر ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولىسىلەر. ⁴⁸ [49] ئاتام بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن. بىراق، سىلەر ئەرشتىن كەلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تولدۇرۇلغۇچە، يېرۇسالېمدا كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى ⁴⁹ [50] ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى بەيتانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا بەخت تىلىدى. ⁵⁰ [51] ئۇ بەخت تىلەۋېتىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ⁵¹ [52] شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيساغا ئىبادەت قىلىشتى ۋە ئىنتايىن خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ⁵² [53] ھەمىشە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ تۇردى.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00