⁹ [9] ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى. ¹⁰ [10] ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن: «نىجاتلىق تەختتە ئولتۇرغان خۇدايىمىزدىن ۋە قوزىدىن كېلىدۇ» دەپ ۋارقىرىشاتتى. ¹¹ [11] پۈتۈن پەرىشتىلەر تەختنىڭ، يېتەكچىلەرنىڭ ۋە تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى: ¹² [12] «ئامىن! مەدھىيە، شان-شەرەپ، دانالىق ۋە تەشەككۈر، ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولسۇن. ئامىن!» ¹³ [13] شۇ چاغدا، يېتەكچىلەردىن بىرى مەندىن: _ ئاق تون كىيگەن بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ، قەيەردىن كەلدى؟ _ دەپ سورىدى. ¹⁴ [14] _ تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، _ دېدىم. ئۇ ماڭا: _ بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان. ¹⁵ [15] شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدا ئۇلارغا سايىۋەندۇر. ¹⁶ [16] ئۇلار ئەمدى ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە قاتتىق ئىسسىق ئۆتمەيدۇ. ¹⁷ [17] چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، _ دېدى.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00