ھەزرىتى ئەيسا بىزگە نېمە تەقدىم قىلىدۇ ۋە نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14: 1-7

¹ [1] ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: _ كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىڭلار، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار. ‏ ² [2] خۇدائاتامنىڭ دەرگاھىدا نۇرغۇن ئۆي-ماكانلار بار. ئۇنداق بولمىسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتىپ يۈرمىگەن بولاتتىم. مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن، شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن. ‏ ³ [3] مەن تەييارلىق قىلغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى مەن بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىمەن. شۇنداق بولغاندا، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر. ‏ [4] سىلەر مېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى بىلىسىلەر. ‏ [5] _ ئى رەببىم، سىزنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ يولنى قانداق بىلىمىز؟ _ دېدى توماس. ‏ [6] ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: _ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. ‏ [7] ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، _ دېدى. ‏

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14: 23-27

²³ [23] ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: _ مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز. ‏ ²⁴ [24] مېنى سۆيمەيدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلمايدۇ. سىلەر ئاڭلاۋاتقان سۆزلەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتامنىڭكىدۇر. ‏ ²⁵ [25] مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇۋاتقان چېغىمدا، سىلەرگە بۇلارنى دېدىم. ‏ ²⁶ [26] لېكىن، ئاتام مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا سالىدۇ. ‏ ²⁷ [27] سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار. ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00