³ [4] نىكودىم: _ ياشىنىپ قالغان ئادەم قانداقمۇ قايتىدىن تۆرەلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ قايتا تۆرىلىشى مۇمكىنمۇ؟! _ دەپ سورىدى. ⁴ [5] ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ بىلىپ قويۇڭكى، ھەم سۇدىن، ھەم خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلمىگۈچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ! ⁵ [6] ئاتا-ئانىسىدىن تۆرەلگەنلەر جىسمانىي ھاياتلىققىلا ئىگە بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلگەنلەر روھىي ھاياتلىققىمۇ ئىگە بولىدۇ. ⁶ [7] سىزگە: «قايتىدىن تۆرىلىشىڭلار كېرەك» دېسەم، ھەيران بولماڭ. ⁷ [8] شامال خالىغان يېرىدە چىقىدۇ، سىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسىز، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە كېتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىنىڭ كىشىلەرگە قانداق قىلىپ ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيسىز. ⁸ [9] نىكودىم ھەزرىتى ئەيسادىن: _ بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ _ دەپ سورىدى. ⁹ [10] ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز ئىسرائىللارنىڭ مۇھىم ئۇستازى تۇرۇقلۇق، بۇنىمۇ چۈشەنمەمسىز؟ ¹⁰ [11] بىلىپ قويۇڭكى، بىز بىلىدىغىنىمىزنى ۋە كۆرگىنىمىزنى ئېيتساقمۇ، سىلەر يەنىلا بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايۋاتىسىلەر. ¹¹ [12] سىلەرگە بۇ دۇنيا توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرش توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟ ¹² [13] ھېچكىم ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئەرشتىن چۈشكەن ئەمەس. لېكىن، ئىنسانئوغلى بۇلارنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىن چۈشكەن. ¹³ [14] تۇچتىن ياسالغان يىلان مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن چۆلدە ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن لىمدا ئېگىز كۆتۈرۈلگىنىدەك، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشۈم كېرەك. ¹⁴ [15] شۇنداق بولغاندا، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ. ¹⁵ [16] چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. ¹⁶ [17] خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. ¹⁷ [18] ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار سوراققا تارتىلمايدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا ئاللىبۇرۇن سوراققا تارتىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى. ¹⁸ [19] ئۇلار دائىم يامانلىق قىلغاچقا، «ھەقىقىي نۇر» دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ نۇرنى ئەمەس، زۇلمەتنى ياخشى كۆردى. شۇڭا، ئۇلار جازاغا تارتىلىدۇ. ¹⁹ [20] كىمدەكىم يامانلىق قىلسا، نۇرغا ئۆچ بولىدۇ ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرىم ئاشكارا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، نۇردىن قاچىدۇ. ²⁰ [21] لېكىن، كىمدەكىم ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلسا، ئىشلىرىمنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقىم مەلۇم بولسۇن دەپ، نۇرغا يېقىن كېلىدۇ. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇۋاھلىقى ²¹ [22] بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00