³⁷ [37] ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. پەرزەنتلىرىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. ³⁸ [38] ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. ³⁹ [39] ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغانلار ئەكسىچە ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ. مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئايىمايدىغانلار ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
³⁴ [34] ئاندىن، ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن بىللە خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى: _ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! ³⁵ [35] چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مەن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ. ³⁶ [36] بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ³⁷ [37] نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟! ³⁸ [38] بۇ زاماننىڭ ۋاپاسىز ۋە گۇناھكار كىشىلىرى ئالدىدا كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00