بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرايمىزمۇ؟

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15: 18-23

¹⁸ [18] _ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. ‏ ¹⁹ [19] سىلەرمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىدىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئۆزىنىڭ دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق، مەن سىلەرنى بۇ پانىي دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. ‏ ²⁰ [20] مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.» ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلار سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلغانلار سىلەرنىڭكىگىمۇ ئەمەل قىلىدۇ. ‏ ²¹ [21] مېنىڭ نامىم سەۋەبىدىن ئۇلار سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ. ‏ ²² [22] ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا تەلىم بەرمىگەن بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. لېكىن، ھازىر ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق، دېيەلمەيدۇ. ‏ ²³ [23] ئۇلارنىڭ مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكى ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەنلىكى بولىدۇ. ‏

ئىنجىل 10: 16-22

¹⁶ [16] _ مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.‏ ¹⁷ [17] كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار. ئۇلار سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئىبادەتخانىلىرىدا قامچىلايدۇ.‏ ¹⁸ [18] سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر.‏ ¹⁹ [19] سوراق قىلىنغان ۋاقتىڭلاردا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. چۈنكى، ئۇ چاغدا قىلىدىغان سۆزلىرىڭلار سىلەرگە نېسىپ قىلىنىدۇ.‏ ²⁰ [20] سىلەر ئۆزۈڭلار سۆزلىمەيسىلەر، بەلكى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ. ‏ ²¹ [21] قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىدۇ.‏ ²² [22] ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ.‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00