قانداق قىلىسىز؟

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى 2: 36-41

³⁶ [39] بۇ ۋەدىگە سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ھەمدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، رەببىمىز خۇدا ئۆزى چاقىرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلىدۇ. ‏ ³⁷ [40] پېترۇس يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارغا: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ بۇ زاماننىڭ چىرىپ كەتكەن كىشىلىرىگە كېلىدىغان جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار! _ دەپ ئاگاھلاندۇردى.‏ ³⁸ [41] نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى، ئۈچ مىڭچە كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە قوشۇلدى.‏ ³⁹ [42] ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم جەم بولۇشۇپ ئەلچىلەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى ۋە دۇئا قىلىشاتتى. ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى ئىناقلىق ‏ ⁴⁰ [43] ئەلچىلەر نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. خالايىقنى قورقۇنچ باستى.‏ ⁴¹ [44] پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق بىللە ئىناق ياشاپ، سېنىڭ-مېنىڭ دېيىشمەي، بارىغا دوست بولۇشتى.‏

زەبۇر 32: 1-5

¹ [1] نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغانلار، ئىتائەتسىزلىكى ئەپۇ قىلىنغانلار. ‏ ² [2] نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، خۇدا گۇناھلىرىنى ساقىت قىلغانلار، كۆڭۈللىرىدە ھىيلە-مىكىر بولمىغانلار. ‏ ³ [3] ئىقرار بولماي گۇناھلىرىمغا، يۈردۈم كۈنبويى ئاھ ئۇرۇپ، چىرىدى ئۇستىخانلىرىم ئازابتا. ‏ [4] ئى پەرۋەردىگار، كېچە-كۈندۈز جازالىشىڭ ئېغىر كەلدى ماڭا، ئىلىكلىرىم قۇرۇپ كەتتى، قۇرۇپ كەتكەن سۇ كەبى تومۇزدا. *سېلاھ* ‏ [5] ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. *سېلاھ* ‏

رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 10: 9-10

[10] چۈنكى، ئىنسان چىن قەلبىدىن ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ، ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.‏ ¹⁰ [11] مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىكى كىشى نائۈمىدتە قالمايدۇ» دېيىلگەن.‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00