¹ [1] سىلەر بۇرۇن خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. ² [2] ئۇ چاغلاردا، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا ماڭغانىدىڭلار، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىدىڭلار. ³ [3] بۇرۇن ھەممىمىز ھەم شۇنداق ياشىغانىدۇق. ئۆز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا، بىزمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق. ⁴ [4] لېكىن، ئىنتايىن رەھىم-شەپقەتلىك بولغان خۇدا بىزنى شۇ قەدەر سۆيگەچكە، ⁵ [5] گەرچە بىز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولساقمۇ، خۇدا بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ھالدا يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر پەقەت ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. ⁶ [6] بىز ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، بىزگە ئەرشتىكى تەختتە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بەردى. ⁷ [7] خۇدانىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى شۇكى، خۇدا ئۆزى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەتنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى ئەبەدىلئەبەد كۆرسىتىشتۇر. ⁸ [8] سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەجرىڭلاردىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپاتتۇر. ⁹ [9] سىلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئەمەللەر بىلەن قۇتقۇزۇلمىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنىڭ ماختىنىشقا ھەققىڭلار يوق. ¹⁰ [10] چۈنكى، بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق.ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىر تەن بولۇش
¹ [1] شۇڭا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولدۇق. ² [2] ئېتىقادىمىز بولغاچقا، ئەيسا مەسىھ بىزنى بىز ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ مېھىر-شەپقەتكە ئىگە قىلدى. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈمىدىدە شاد-خۇرام بولماقتىمىز. ³ [3] بىز قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ يەنىلا شاد-خۇرام بولىمىز. چۈنكى، بىزگە مەلۇمكى، قىيىنچىلىق سەۋرچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ⁴ [4] سەۋرچانلىقىمىز بىزنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن قىلىدۇ؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن بولساق، بىزدە تەۋرەنمەس ئۈمىد پەيدا بولىدۇ. ⁵ [5] بۇ ئۈمىد بىزنى ھەرگىز ئۇياتتا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرگەن.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00