¹⁶ [16] ئون بىر شاگىرت ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئېيتقان جەلىلىيىدىكى تاغقا چىقىشتى. ¹⁷ [17] ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى، لېكىن بەزىلىرى گۇمان ئىچىدە ئىدى. ¹⁸ [18] ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. ¹⁹ [19] شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، ²⁰ [20] ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
³ [3] ئۇ ئۆلۈپ، تىرىلگەندىن كېيىنكى قىرىق كۈن ئىچىدە ئۇلارغا كۆپ قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنىڭ شەكسىز ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغانىدى ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر سۆزلەرنى قىلغانىدى. ⁴ [4] بىر قېتىم ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلەر بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇلارغا يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: _ يېرۇسالېم شەھىرىدىن ئايرىلماي، مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، خۇدائاتام سىلەرگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى كۈتۈڭلار. ⁵ [5] چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇدا چۆمۈلدۈردى، سىلەر بولساڭلار بىرنەچچە كۈن ئىچىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى ⁶ [6] ئەلچىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن جەم بولغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن: _ ئى رەببىمىز، شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسىز؟ _ دەپ سورىدى. ⁷ [7] ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ خۇدائاتام ئۇ ۋاقىت-سائەتنى ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىگەن. سىلەرنىڭ بۇنى بىلىشىڭلار تېگىشلىك ئەمەس. ⁸ [8] بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس روھ ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00