³⁴ [34] پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى. ³⁵ [35] ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: ³⁶ [36] _ ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ _ دەپ سورىدى. ³⁷ [37] ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن.» ³⁸ [38] ئالدىنقى ۋە ئەڭ مۇھىم ئەمر مانا شۇ. ³⁹ [39] ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.» ⁴⁰ [40] پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى بۇ ئىككى ئەمرنى ئاساس قىلغان. قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ سالاھىيىتى
⁴ [4] ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇ يېگانىدۇر. ⁵ [5] پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار ۋە پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن سۆيۈڭلار. ⁶ [6] بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ ئەمرلەرنى قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار. ⁷ [7] پەرزەنتلىرىڭلارغا سەمىمىي ئۆگىتىڭلار. مەيلى ئۆيدە، مەيلى يولدا، مەيلى ياتقاندا، مەيلى تۇرغاندا بولسۇن، بۇ ئەمرلەر ھەققىدە داۋاملىق سۆزلەڭلار. ⁸ [8] بۇلارنى تۈگۈنچەككە تۆگۈپ، نىشانە سۈپىتىدە قولۇڭلارغا باغلىۋېلىڭلار، پېشانەڭلارغا ئېسىۋېلىڭلار. ⁹ [9] ئىشىكىڭلارنىڭ كېشەكلىرىگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا يېزىپ قويۇڭلار.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00