³⁶ [36] پەرىسىيلەردىن بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانى تاماققا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماققا ئولتۇردى. ³⁷ [37] ئۇ يەردە پاھىشە دەپ تونۇلغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ئەتىر ئېلىپ كەلدى ³⁸ [38] ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن يەردە تۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاندىن، ئۇ چاچلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى. ³⁹ [39] ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرغان پەرىسىي بۇنى كۆرۈپ، ئىچىدە «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە قولىنى تەگكۈزگەن بۇ ئايالنىڭ پاھىشە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى!» دەپ ئويلىدى. ⁴⁰ [40] بۇنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: _ شىمون، ساڭا ئېيتىدىغان بىر گېپىم بار، _ دېدى. _ ئېيتىڭ ئۇستاز، _ دېدى شىمون. ⁴¹ [41] _ ئىككى ئادەم بىر كىشىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش تەڭگىگە، يەنە بىرى بولسا، ئەللىك كۈمۈش تەڭگىگە قەرزدار ئىكەن. ⁴² [42] ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن. شۇڭا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى قەرز ئىگىسىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. ⁴³ [43] _ مېنىڭچە، كۆپرەك كەڭچىلىككە ئېرىشكىنى، _ دەپ جاۋاب بەردى شىمون. _ توغرا ئېيتتىڭ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ⁴⁴ [44] ئاندىن، ئۇ ھېلىقى ئايالنى كۆرسىتىپ، شىمونغا: _ بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۆيۈڭگە كەلگىنىمدە، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى، چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى. ⁴⁵ [45] سەن مېنى ھال-ئەھۋال سوراپ، سۆيۈپ كۈتۈۋالمىغانىدىڭ. لېكىن، ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈۋاتىدۇ. ⁴⁶ [46] سەن مېھمانلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان ياغنى بېشىمغىمۇ سۈركىمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ مېنى ھۆرمەتلەپ، پۇتلىرىمغا ئەتىر سۈركەپ قويدى. ⁴⁷ [47] قىسقىسى ساڭا ئېيتايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىندى. شۇڭا، ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر. لېكىن، ئاز كەچۈرۈم قىلىنغاننىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمۇ ئاز، _ دېدى. ⁴⁸ [48] ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئايالغا: _ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، _ دېدى. ⁴⁹ [49] ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلار: «ھەتتا كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلىدىغان بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى. ⁵⁰ [50] ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: _ ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى قۇتقۇزدى. ئامان بول! _ دېدى.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00