ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكەنلەر ئەيسادا بولۇپ ئۈنۈملۈك بولىدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15: 1-17

¹ [1] ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: _ ھەقىقىي «ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام خۇدا بولسا باغۋەندۇر. ‏ ² [2] باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پۇتاپ تۇرىدۇ. ‏ ³ [3] سىلەر پۇتالغان شاخلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار. ‏ [4] سىلەر مەندە بولۇڭلار. مەنمۇ سىلەردە بولىمەن. شاخ تالدا بولماي تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە بولمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر. ‏ [5] «ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن. سىلەر بولساڭلار شاخلىرىسىلەر. كىم مەندە بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭدا بولىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى، خۇدا ياقتۇرىدىغان ھەرقانداق ئىشنى مەنسىز قىلالمايسىلەر. ‏ [6] مەندە بولمىغان كىشى كېرەكسىز شاخلارغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. ‏ [7] سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇنىڭغا ئېرىشىسىلەر. ‏ [8] سىلەر كۆپ مېۋە بېرىشىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايسىلەر. بۇ، ئاتامغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ‏ [9] ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم، مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولۇڭلار. ‏ ¹⁰ [10] ئەگەر ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە بولغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولىسىلەر. ‏ ¹¹ [11] بۇلارنى سىلەرگە خۇشاللىقىمدىن بەھرىمەن بولسۇن ۋە خۇشاللىقى تولۇپ تاشسۇن، دەپ ئېيتتىم. ‏ ¹² [12] مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەندەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ‏ ¹³ [13] ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت يوقتۇر. ‏ ¹⁴ [14] سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر. ‏ ¹⁵ [15] ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى، چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. ‏ ¹⁶ [16] سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم. مەن سىلەرنى مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلانسۇن، دەپ تەيىنلىدىم. مۇشۇنداق مېۋە بەرگىنىڭلاردا، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ. ‏ ¹⁷ [17] سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار.ئادەملەرنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان نەپرىتى ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن خۇدانىڭ يولىدا مېڭىش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00