¹ [1] يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ. ² [2] چۈنكى، ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خالاس قىلدى. ³ [3] گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى. ⁴ [4] بۇنىڭ بىلەن، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغان بىزلەر ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ ئادىل تەلەپلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ⁵ [5] گۇناھكار تەبىئىتىگە بويسۇنىدىغانلار شۇ تەبىئىتىگە خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى ئويلايدۇ. مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغانلار بولسا مۇقەددەس روھقا خاس ئىشلارنى ئويلايدۇ. ⁶ [6] بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، بۇ ئۇ ئادەمگە مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇ ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى مۇقەددەس روھ باشقۇرسا، بۇ ئۇنىڭغا ھاياتلىق ۋە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ⁷ [7] بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، ئۇ ئادەم خۇدا بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم بويسۇنالمايدۇ. ⁸ [8] گۇناھكار تەبىئىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ. ⁹ [9] بىراق سىلەرگە كەلسەك، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتەن قەلبىڭلاردا ياشىغانلىقتىن، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. قەلبىدە مۇقەددەس روھ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ روھى بولمىغان ئادەم ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەستۇر. ¹⁰ [10] تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ئەمما قەلبىڭلاردا ئەيسا مەسىھ بولغانلىقى ئۈچۈن، سىلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، روھىڭلار ھايات بولدى. ¹¹ [11] خۇدانىڭ روھى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. بۇ روھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا قەلبىڭلاردىكى ئۆز روھى ئارقىلىق سىلەرنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىڭلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ¹² [12] شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىم، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە بويسۇنۇپ ياشاشقا ئەمەس، مۇقەددەس روھقا بويسۇنۇشقا قەرزدارمىز. ¹³ [13] چۈنكى، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارغا بويسۇنۇپ ياشىساڭلار، مەڭگۈلۈك ھالاك بولىسىلەر. لېكىن، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇناھتىن قول ئۈزسەڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىسىلەر. ¹⁴ [14] خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. ¹⁵ [15] ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار. ¹⁶ [16] بۇ مۇقەددەس روھ قەلب روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ¹⁷ [17] خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز.كەلگۈسىدە شان-شەرەپكە ئېرىشىش ¹⁸ [18] مېنىڭچە، ھازىر بىز تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر كەلگۈسىدە بىزدە ئايان بولىدىغان شان-شەرەپكە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00