ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى مەنىۋى «ئىبادەتخانا» ۋە روھانىيلاردۇر

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2: 4-10

[5] شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر.‏ [6] مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «قاراڭلار، تاللانغان بىر قىممەتلىك ئۇل تېشىنى سىئونغا قويدۇم. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.» ‏ [7] ‏-8 سىلەر ئەيسا مەسىھتىن ئىبارەت بۇ ئۇل تېشىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بۇ ئۇل تېشى سىلەرگە نىسبەتەن قىممەتلىكتۇر. لېكىن، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن بۇ ئۇل تېشى دەل مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك: «تامچىلار تاشلىۋەتكەن بۇ تاش قۇرۇلۇشنىڭ مەركىزىي ئۇل تېشى بولۇپ قالدى!» «بۇ تاش كىشىلەر پۇتلىشىدىغان تاش بولدى، ئادەمنى يىقىتىدىغان تاش بولدى.» ئۇلار خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋىرىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تاشقا پۇتلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بەلگىلەنگەن. ‏ [9] لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.‏ [10] بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ خەلقى ئەمەس ئىدىڭلار. لېكىن، ئەمدى خۇدانىڭ خەلقىسىلەر. بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ئەمدى ئېرىشتىڭلار. خۇدانىڭ سادىق خىزمەتكارلىرى بولۇڭلار ‏ [11] قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا پەقەت مۇساپىر ۋە مېھمانسىلەر. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، ئۆزۈڭلارنى سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان يامان ھەۋەسلەردىن تۇتۇۋېلىڭلار.‏ ¹⁰ [12] ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ. ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00