ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىتتىپاقتۇر

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17: 9-26

[9] بۇلارغا دۇئا قىلىمەن. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر. ‏ ¹⁰ [10] مېنىڭكى سېنىڭكىدۇر. سېنىڭكى بولسا مېنىڭكىدۇر. مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم ئۇلار ئارقىلىق ئايان بولدى. ‏ ¹¹ [11] مەن ئەمدى ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئۇلارنى بۇ دۇنيادا قالدۇرۇپ، سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىغىن. بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن. ‏ ¹² [12] مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھالاكەت يولىغا ماڭغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. مۇقەددەس يازمىلاردىكى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى توغرۇلۇق ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، مۇشۇنداق بولدى. ‏ ¹³ [13] مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا كېتىمەن. ئۇلارنىڭ قەلبىدە مېنىڭ خۇشاللىقىم تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم، ‏ ¹⁴ [14] سۆزلىرىڭنى يەتكۈزدۈم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلەندى، چۈنكى مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر. ‏ ¹⁵ [15] ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەت دەپ ئەمەس، بەلكى شەيتاندىن ساقلا، دەپ تىلەيمەن. ‏ ¹⁶ [16] مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر. ‏ ¹⁷ [17] ئۇلارنى ھەقىقىتىڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقتۇر. ‏ ¹⁸ [18] سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم. ‏ ¹⁹ [19] ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن. ‏ ²⁰ [20] مەن ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ يەتكۈزىدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىمەن. ‏ ²¹ [21] ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن. ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بولسۇن. شۇ ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن، دەپ دۇئا قىلىمەن. ‏ ²² [22] بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن دەپ، سەن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. ‏ ²³ [23] مەن ئۇلاردا، سەن مەندە؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈندۇر. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى شۇ ئارقىلىق مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىمۇ سۆيىدىغانلىقىڭنى بىلسۇن. ‏ ²⁴ [24] ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن، مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقتۇر. ‏ ²⁵ [25] ئى ئادىل ئاتا، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سېنى تونۇمايدۇ، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن. شاگىرتلىرىممۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. ‏ ²⁶ [26] مەن سېنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم، يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولسۇن، ھەم مەنمۇ ئۇلاردا بولاي.

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00