³⁶ [39] بۇ ۋەدىگە سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ھەمدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، رەببىمىز خۇدا ئۆزى چاقىرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلىدۇ. ³⁷ [40] پېترۇس يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارغا: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ بۇ زاماننىڭ چىرىپ كەتكەن كىشىلىرىگە كېلىدىغان جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار! _ دەپ ئاگاھلاندۇردى. ³⁸ [41] نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى، ئۈچ مىڭچە كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە قوشۇلدى. ³⁹ [42] ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم جەم بولۇشۇپ ئەلچىلەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى ۋە دۇئا قىلىشاتتى. ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى ئىناقلىق ⁴⁰ [43] ئەلچىلەر نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. خالايىقنى قورقۇنچ باستى. ⁴¹ [44] پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق بىللە ئىناق ياشاپ، سېنىڭ-مېنىڭ دېيىشمەي، بارىغا دوست بولۇشتى. ⁴² [45] مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىشتى. ⁴³ [46] ھەر كۈنى، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى. ⁴⁴ [47] ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. خۇدا ھەر كۈنى يېڭى ئېتىقادچىلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشاتتى.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00