⁴² [42] ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەرگە مەلۇم، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمران دەپ قارالغانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئەمىرلىرى ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىدۇ. ⁴³ [43] بىراق، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمىسۇن. سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن. ⁴⁴ [44] كىم بىرىنچى بولۇشنى خالىسا، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن. ⁴⁵ [45] چۈنكى، ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى. قارىغۇ بارتىماينىڭ كۆزىنىڭ ساقايتىلىشى
⁴ [4] مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بۇ ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس روھ بىردۇر. ⁵ [5] رەببىمىز ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز خىزمەت قىلىدىغان رەببىمىز بىردۇر. ⁶ [6] خۇدانىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا قىلىۋاتقان ئىشلىرى خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز ئارقىلىق ئۇلارنى قىلىۋاتقان خۇدا بىردۇر. ⁷ [7] پۈتۈن جامائەتچىلىكنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇقەددەس روھ ھەربىرىمىزگە ئالاھىدە قابىلىيەت ئاتا قىلىدۇ. ⁸ [8] مۇقەددەس روھ بىر كىشىگە ئاقىلانە سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. يەنە بىر كىشىگە بولسا بىرەر ئىش توغرۇلۇق خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم بېرىدۇ. ⁹ [9] ئوخشاشلا، شۇ مۇقەددەس روھ بىرىگە خۇداغا بولغان ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتىنى بېرىدۇ. ¹⁰ [10] يەنە شۇ روھ بىرىگە مۆجىزىلەر يارىتىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بىرىگە بىرسىنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش، بىرىگە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىرىگە بولسا بۇ تىللارنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. ¹¹ [11] بۇ قابىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۈرۈشتۈرگەن بىردىنبىر مۇقەددەس روھتۇر. مۇقەددەس روھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە بۇ قابىلىيەتلەرنى ھەربىر كىشىگە ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىدۇر
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00