²³ [23] رەببىمىزنىڭ داستىخىنى توغرۇلۇق مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرنى رەببىمىزدىن ئالغانمەن. رەببىمىز ئەيسا ساتقۇن تەرىپىدىن تۇتۇپ بېرىلگەن كېچە، قولىغا بىر نان ئېلىپ، ²⁴ [24] خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ناننى ئوشتۇپ تۇرۇپ: «بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار» دېدى. ²⁵ [25] خۇددى شۇنىڭدەك، تاماقتىن كېيىن ئۇ يەنە جامنى قولىغا ئېلىپ: «بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ قېنىم بىلەن تۈزۈلىدىغان خۇدانىڭ يېڭى ئەھدىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. ھەر قېتىم بۇنداق شارابتىن ئىچكىنىڭلاردا مېنى ئەسلەپ تۇرۇڭلار» دېدى. ²⁶ [26] شۇنىڭ ئۈچۈن، تاكى رەببىمىز قايتىپ كەلگۈچە، ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگىنىڭلاردا ۋە ھەر قېتىم بۇ جامدىكىدىن ئىچكىنىڭلاردا، رەببىمىزنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولىسىلەر. ²⁷ [27] شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان ھەربىر كىشى نامۇۋاپىق ھالدا ناندىن يەپ، جامدىكىدىن ئىچسە، ئۇ رەببىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان تېنى ۋە ئاققۇزغان قېنىغا يۈز كېلەلمەيدىغان گۇناھ قىلغان بولىدۇ. ²⁸ [28] شۇڭا، ھەركىم ئاۋۋال بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئاندىن، ناندىن يەپ، جامدىكىدىن ئىچسۇن. ²⁹ [29] چۈنكى، ئېتىقادچىلار رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولۇش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى پەرقلەندۈرمەي تۇرۇپ، ناندىن يېگەن ۋە جامدىكىدىن ئىچكەن كىشى ئۆزىنى خۇدانىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىدۇ. ³⁰ [30] مانا شۇ سەۋەبتىن، بىرمۇنچىڭلار جىسمانىي جەھەتتىن ھالسىز ۋە ئاغرىق بولۇپ قالدىڭلار، ھەتتا بەزىلەر ئۆلۈپ كەتتى. ³¹ [31] ئەگەر ئۆز-ئۆزىمىزنى تەكشۈرگەن بولساقىدۇق، بۇنداق جازالارغا ئۇچرىمىغان بولاتتۇق. ³² [32] لېكىن، گۇناھقا تولغان بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە جازالانماسلىقىمىز ئۈچۈن، رەببىمىز بىزنى مۇشۇنداق جازالاپ تەربىيىلەۋاتىدۇ.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00