¹ [1] ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەر رىغبەتلەندۈرۈلدۈڭلار ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن تەسەللى تاپتىڭلار. مۇقەددەس روھتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدۇڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە رەھىمدىللىكىنى كۆردۈڭلار. ² [2] شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئوخشاش ئوي-پىكىر، ساپ مېھىر-مۇھەببەت ۋە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار. شۇنداق بولغاندا، مېنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىسىلەر. ³ [3] ھەرقانداق ئىشتا شەخسىيەتچىلىك ۋە قۇرۇق شۆھرەتكە بېرىلمەڭلار. ئەكسىچە، كەمتەر بولۇپ، باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئۈستۈن كۆرۈڭلار. ⁴ [4] ئۆز مەنپەئىتىڭلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ ئويلاڭلار. ⁵ [5] ئوي-پىكرىڭلاردا ئەيسا مەسىھتەك بولۇڭلار: ⁶ [6] ئۇ تەبىئىتى جەھەتتە خۇدا بولسىمۇ، خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇشۇم كېرەك، دېمىدى. ⁷ [7] ئەكسىچە، ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ ئورۇندىن ۋاز كېچىپ، ئىنسان تېنىدە كېلىپ، ئۆزىنى قۇلدەك تۇتتى. ⁸ [8] ئۇ ئىنسان قىياپىتىدە ياشاپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، تاكى ئۆلگۈچە خۇداغا ئىتائەتمەن بولدى. ئۇ ھەتتا كرېستكە مىخلانغاندىمۇ شۇنداق قىلدى. ⁹ [9] شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خۇدا ئۇنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھەممىدىن ئۈستۈن نام-شۆھرەتنى بەردى. ¹⁰ [10] شۇڭا، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇدات ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، ¹¹ [11] ئۇنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خۇدائاتىمىز ئۇلۇغلىنىدۇ.ئالەمدە يورۇقلۇق بولۇڭلار
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00