¹ [1] شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا خالايىققا ۋە شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: ² [2] _ تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرگە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا تەبىر بېرىش ھوقۇقى بېرىلگەن. ³ [3] شۇڭا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، دېگەنلىرىنى قىلىڭلار، لېكىن قىلغانلىرىنى قىلماڭلار. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمايدۇ. ⁴ [4] ئۇلار قاتتىق دىنىي قائىدىلىرى ئارقىلىق ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ. لېكىن، ئۆزلىرى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بارماقلىرىنى مىدىرلىتىشنىمۇ خالىمايدۇ. ⁵ [5] ئۇلار ھەممە ئىشلارنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى تەقۋادار كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئايەت قۇتىسىنىڭ ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ. ⁶ [6] زىياپەتلەردە تۆردە، ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. ⁷ [7] بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ھۆرمەتلەپ سالام بېرىشى ۋە «ئۇستاز» دەپ ئاتىشىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ⁸ [8] بىراق، سىلەر «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشقا كۆنمەڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭ يالغۇز بىرلا ئۇستازىڭلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا قېرىنداش. ⁹ [9] يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى ھۆرمەتلەپ «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار بار. ئۇ بولسىمۇ ئەرشتىكى ئاتاڭلاردۇر. ¹⁰ [10] سىلەر «خوجايىن» دەپ ئاتىلىشقىمۇ كۆنمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا خوجايىنىڭلار بار. ئۇ بولسىمۇ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھتۇر. ¹¹ [11] ئاراڭلاردا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن. ¹² [12] ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، تۆۋەن تۇتقىنى ئۈستۈن قىلىنىدۇ.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00