ياخشى يېتەكچىلەر نېمە قىلىدۇ؟

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 5: 1-11

¹ [1] ھازىر مەن ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە بىر ئېغىز سۆز قىلماقچىمەن. چۈنكى، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر يېتەكچى ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ نامايان قىلىدىغان شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولغۇچىمەن. يېتەكچى سۈپىتىمدە سىلەر يېتەكچىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى،‏ ² [2] قويچى قويلىرىغا ياخشى قارىغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ خۇدا سىلەرگە ئامانەت قىلغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭلار. بۇنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە رازىمەنلىك بىلەن قىلىڭلار؛ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، قىزغىنلىق بىلەن قىلىڭلار.‏ ³ [3] سىلەرگە ئامانەت قىلىنغان بۇ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇۋالماڭلار، ئەكسىچە بۇ جامائەتچىلىككە ئۈلگە بولۇڭلار.‏ [4] شۇنداق قىلساڭلار، باش قويچى ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، مەڭگۈ چېچەكلەپ تۇرىدىغان شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر. ‏ [5] ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»‏ [6] ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.‏ [7] بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. ‏ [8] ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ.‏ [9] سىلەر مۇستەھكەم ئېتىقادىڭلار بىلەن شەيتانغا تاقابىل تۇرۇڭلار. چۈنكى ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ.‏ ¹⁰ [10] پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ.‏ ¹¹ [11] بارلىق كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! ئاخىرقى سالام ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن يېتەكچى بولۇش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00