ناچار يېتەكچىلەر نېمە قىلىدۇ؟

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ئەزەكىئەل 34: 1-16

¹ [1] پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ‏ ² [2] _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرىگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەقەت ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى! قويچىلارنىڭ قويلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى كېرەكمۇ؟!‏ ³ [3] قوينىڭ سۈتىنى ئىچىسىلەر، يۇڭىدا كىيىم كىيىسىلەر، سېمىزلىرىنى بوغۇزلايسىلەر، لېكىن قوي پادىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايسىلەر.‏ [4] ئاجىزلىرىغا قارىمايسىلەر، ئاغرىقلىرىنى داۋالىمايسىلەر، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىلىرىنى تاڭمايسىلەر، ئېزىپ قالغانلىرىنى تېپىپ كەلمەيسىلەر، يوقاپ كەتكەنلىرىنى ئىزدىمەيسىلەر، ئەكسىچە ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، زۇلۇم قىلىسىلەر.‏ [5] قويچى بولمىغاچقا، قويلار تارقىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولدى.‏ [6] مېنىڭ قويلىرىم ھەممە تاغ ۋە ئېگىزلىكلەردە سەرسان بولۇپ يۈرىدۇ. ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى ئىزدىمىدى. ‏ [7] شۇڭا ئەي قويچىلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار.‏ [8] مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنى چوقۇم جازالايمەن. مېنىڭ قويلىرىم قويچىسىز قېلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولماقتا. مېنىڭ قويچىلىرىم بولغان سىلەر قويلىرىمنى ئىزدىمىدىڭلار. سىلەر قويلىرىمنى باقماي، ئۆزۈڭلارنى باقتىڭلار.‏ [9] شۇڭا ئەي قويچىلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!‏ ¹⁰ [10] مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەرنى قويلىرىم ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىمەن. ئەمدى سىلەر قويلىرىمنى باقالمايسىلەر، شۇڭا ئۆزۈڭلارنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالمايسىلەر. قويلىرىمنى ئاغزىڭلاردىن تارتىۋالىمەن، قويلىرىم ئەمدى سىلەرگە يەم بولمايدۇ. ‏ ¹¹ [11] مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، مەن ئۆزۈم قويلىرىمنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن.‏ ¹² [12] قويلىرى تارقىلىپ كەتكەن قويچى قويلىرىنى قانداق ئىزدىگەن بولسا، مەنمۇ قويلىرىمنى شۇنداق ئىزدەيمەن. ئۇلار ئاپەتلىك، قاراڭغۇ كۈنلەردە تارقىلىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن شۇ يەرلەردىن قۇتقۇزۇپ ئەكېلىمەن.‏ ¹³ [13] مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى يات ئەللەردىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، جىرالىرى ۋە ئادەم ياشايدىغان رايونلىرىدا باقىمەن.‏ ¹⁴ [14] مەن ئۇلارنى ياخشى ئوتلاقلاردا يايلىتىمەن. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئۇلار ياخشى يايلاقلاردا خاتىرجەم يېتىپ ئارام ئالىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدىكى ياخشى ئوتلاقلاردا ئوتلايدۇ.‏ ¹⁵ [15] مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، قويلىرىمغا ئۆزۈم قويچى بولىمەن ۋە ئۇلارنى يايلاقلاردا يايلىتىمەن.‏ ¹⁶ [16] ئېزىپ قالغانلىرىنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلىرىنى يىغىمەن، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىسىنى تاڭىمەن، ئاجىزلىرىنى كۈچلەندۈرىمەن. لېكىن باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، ھارامدىن سەمرىگەن كۈچلۈكلىرىنى يوقىتىمەن. مەن پادىلىرىمنى ئادالەت بىلەن باقىمەن. ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن يېتەكچى بولۇش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00