ئەيسا مەسىھ - «ياخشى قويچى»دۇر

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10: 1-18

¹ [1] ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: _ بىلىپ قويۇڭلاركى، قوينىڭ قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، تېمىغا يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر.‏ ² [2] ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا شۇ قويلارنىڭ قويچىسىدۇر.‏ ³ [3] كۆزەتچى ئىشىكنى قويچىغا ئېچىپ بېرىدۇ. قويلار قويچىنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ، ئۇمۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىدۇ.‏ [4] قويچى قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ.‏ [5] يات بىرىنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، چۈنكى ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ. ‏ [6] ئەتراپىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدى.‏ [7] شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: _ بىلىپ قويۇڭلاركى، قويلار كىرىدىغان ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن.‏ [8] مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا بوي بەرمىدى.‏ [9] ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ.‏ ¹⁰ [10] ئوغرى بولسا ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئادەملەر ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە ئۇ ھاياتلىق مول بولسۇن، دەپ كەلدىم. ‏ ¹¹ [11] ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى قويچىنىڭ قويلىرى ئۈچۈن جېنى پىدادۇر.‏ ¹² [12] مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ قويلارنىڭ خوجايىنى ھەم قويچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۆرىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۆرە قويلارنى تۇتۇۋېلىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ.‏ ¹³ [13] مەدىكار نېمىشقا قاچىدۇ؟ چۈنكى، ئۇ قويلارنىڭ ئىگىسى ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ‏ ¹⁴ [14] ‏-15 ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتام مېنى ۋە مەن ئاتامنى _ بىز بىر-بىرىمىزنى تونۇغىنىمىزدەك، مەن ئۆز قويلىرىمنى تونۇيمەن، ئۇلارمۇ مېنى تونۇيدۇ. قويلىرىم ئۈچۈن جېنىم پىدا.‏ ¹⁵ [16] بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ چاقىرىشىم كېرەك. ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ. ھەممە قويلار بىر پادا بولۇشۇپ، بىر قويچىغا ئەگىشىدۇ. ‏ ¹⁶ [17] ئاتام مېنى سۆيىدۇ. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنى قۇربان قىلغاندىن كېيىن تىرىلىشىم ئۈچۈن، جېنىمنى پىدا قىلىشنى خالايمەن.‏ ¹⁷ [18] جېنىمنى ھېچكىم ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى بېرىشكە ۋە قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاتام ماڭا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان. ‏ ¹⁸ [19] بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش چىقتى.‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن يېتەكچى بولۇش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00