⁴ [4] ئەي خۇدا سۆيگەن قېرىنداشلار، بىزگە مەلۇمكى، خۇدا سىلەرنى تاللىدى. ⁵ [5] سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنى بىز سۆز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ-قۇدرەت بىلەن، شۇنداقلا خۇدانىڭ بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىمىز بىلەن سىلەرگە يەتكۈزدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان چاغلاردا قانداق ياشىغانلىقىمىزنى سىلەر بىلىسىلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن ئىدى. ⁶ [6] سىلەر بىزدىن، شۇنداقلا رەببىمىزدىن ئۈلگە ئالدىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلدىڭلار. ⁷ [7] نەتىجىدە، سىلەرمۇ ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى پۈتكۈل ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولدۇڭلار.
¹ [1] قېرىنداشلار، سىلەرگە مەلۇمكى، بىزنىڭ قېشىڭلارغا بارغىنىمىز بىكارغا كەتمىدى. ² [2] سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. ³ [3] بىز بۇ خۇش خەۋەرنى بىرەر ساختىلىق، يامان نىيەت ياكى ھىيلىگەرلىك بىلەن يەتكۈزۈۋاتقىنىمىز يوق. ⁴ [4] ئەمەلىيەتتە، خۇدا بىزنى لايىق كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى بىزگە تاپشۇردى. بىز خۇش خەۋەرنى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قەلبىمىزنى كۆزىتىۋاتقان خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن يەتكۈزۈۋاتىمىز. ⁵ [5] سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھېچقاچان سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا خۇشامەت قىلغىلى ياكى نىقابلىنىپ تەمەخورلۇق قىلغىلى بارمىدۇق. بۇنىڭغا خۇدا گۇۋاھتۇر. ⁶ [6] مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، بىز ھېچكىمدىن بىرەر ماختاش تەمە قىلمىدۇق. ⁷ [7] ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ياردىمىڭلارنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق ئىدۇق. لېكىن، سىلەرگە خۇددى بالىلىرىنى باغرىغا باسقان مۇلايىم ئانىدەك مۇئامىلە قىلدۇق. ⁸ [8] شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق مۇھەببەت باغلىغانىدۇقكى، بىز خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنىلا ئەمەس، ئۆز جېنىمىزنىمۇ تەقدىم قىلىشقا رازى ئىدۇق. چۈنكى، سىلەرنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتۇق! ⁹ [9] قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىز جەزمەن ئېسىڭلاردا باردۇر. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. ¹⁰ [10] ئېتىقادچىلاردىن بولغان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزنىڭ پاك، ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار گۇۋاھلىق بېرەلەيسىلەر، بۇنىڭغا خۇدامۇ گۇۋاھتۇر. ¹¹ [11] سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھەربىرىڭلارغا ئاتا پەرزەنتىگە ئەجىر سىڭدۈرگەندەك ئەجىر سىڭدۈردۇق، ¹² [12] سىلەرگە مەدەت بەردۇق، تەسەللى بەردۇق. سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرغان خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق ياشاشقا دەۋەت قىلدۇق.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00