¹ [1] شۇ سەۋەبلەردىن، رەببىمىزگە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەن سىلەردىن خۇدانىڭ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. ² [2] سىلەر ھەمىشە كەمتەر، مۇلايىم، سەۋرچان بولۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ³ [3] بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ ئېتىقادچىلارغا بەرگەن بىرلىكىنى ساقلاشقا تىرىشىڭلار. ⁴ [4] بىز ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرى، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ بىر. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بىزنى چاقىرغاندا، بىزگە بەرگەن ئۈمىدمۇ بىردۇر. ⁵ [5] رەببىمىز بىر، ئېتىقادىمىزمۇ بىر بولۇپ، ئوخشاش بىر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق. ⁶ [6] ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولغان خۇدا بىردۇر. ئۇ ھەممىمىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەممىمىز ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر. ⁷ [7] ئەيسا مەسىھ سېخىيلىق بىلەن ھەربىرىمىزگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلدى.
¹¹ [11] ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئىلتىپات قىلىپ، بەزىلەرنى ئەلچى، بەزىلەرنى پەيغەمبەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى، يەنە بەزىلەرنى جامائەتچىلىك مەسئۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچى قىلدى. ¹² [12] ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنى خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيىلەشتىن ئىبارەت. ¹³ [13] بۇ ۋەزىپە تاكى بىزنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلىشتا بىردەك بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز ھەمدە ئېتىقاد جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش بولۇشىمىزغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ¹⁴ [14] شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز. ¹⁵ [15] ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى سۆزلەپ، تەننىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھكە ھەرقايسى جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىمىز. ¹⁶ [16] ئەيسا مەسىھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى زىچ ماسلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ جارى قىلىشقا تېگىشلىك روللىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندا، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھايات
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00