¹ [1] شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر. ² [2] بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر. ³ [3] خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ماڭا ئاتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلارنى ئارتۇقچە باھالىماڭلار. ئەكسىچە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن خۇدا سىلەرگە بەرگەن ئېتىقاد جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار. ⁴ [4] بىزنىڭ تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بار. ⁵ [5] شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز بىر تەن بولۇپ، بىر-بىرىمىزگە باغلىنىپ تۇرىمىز ⁶ [6] ھەمدە خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن ھەربىرىمىزدە ئوخشاش بولمىغان قابىلىيەتلەر بار بولىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى ئۆزىنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش بولسا، ئۇنىڭ سىلەرگە ۋەھىي ئارقىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنگىنىڭلاردەك، ئىشەنچ بىلەن بۇ ۋەھىينى باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار. ⁷ [7] خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى باشقىلارغا خىزمەت قىلىش بولسا، خىزمەت قىلىڭلار؛ خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بېرىڭلار؛ ⁸ [8] رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرۈڭلار؛ ئىئانە بېرىش بولسا، چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ئىئانە بېرىڭلار؛ باشلامچىلىق قىلىش بولسا، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشلامچىلىق قىلىڭلار؛ رەھىم قىلىش بولسا، خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار. ⁹ [9] مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن. يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار، ياخشى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇڭلار. ¹⁰ [10] بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈپ، ئۆزئارا قىزغىن بولۇڭلار. باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. ¹¹ [11] قىزغىنلىقىڭلار سوۋۇپ كەتمىسۇن. ئەكسىچە، ئوتتەك قىزغىن قەلبىڭلار بىلەن رەببىمىزگە خىزمەت قىلىڭلار. ¹² [12] ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار. ¹³ [13] خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مېھماندوست بولۇڭلار. ¹⁴ [14] سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار. ئۇلارغا پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. ¹⁵ [15] خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار. ¹⁶ [16] ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈڭلار، مەغرۇرلانماڭلار. ئەكسىچە، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ھەرگىز بىلەرمەن بولۇۋالماڭلار. ¹⁷ [17] ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار. ¹⁸ [18] ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. ¹⁹ [19] قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.» ²⁰ [20] مۇقەددەس يازمىلاردا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى چىمىلدىتىپ، ئۇنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرىسەن.» سىلەرمۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق قىلىڭلار. ²¹ [21] دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00