²¹ [22] ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: _ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ²² [23] پاۋلۇس بىلەن بارنابا يەنە ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتەكچىلەرنى بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان رەببىمىز ئەيساغا تاپشۇردى. ²³ [24] ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى.
¹⁷ [17] پاۋلۇس مىلېت شەھىرىدىن ئەفەسكە ئادەم ئەۋەتىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى يېتەكچىلىرىنى چاقىردى.
²⁸ [28] ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!
¹ [1] ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن ئارقىلىق تىموتىيدىن، فىلىپى شەھىرىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان مۇقەددەس خەلققە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە سالام. ² [2] خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! شۈكۈر ۋە دۇئا ³ [3] مەن سىلەرنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. ⁴ [4] ھەر قېتىم سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمدا، قەلبىم خۇرسەنلىككە تولۇپ تاشىدۇ. ⁵ [5] چۈنكى، مەن ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان بىرىنچى كۈندىن ھازىرغىچە، سىلەر مېنىڭ بۇ خىزمىتىمنى قوللاپ كەلدىڭلار. ⁶ [6] شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىلەرنى يېڭى ھاياتلىق يولىغا يېتەكلىگەن خۇدا ئۆزى باشلىغان بۇ ياخشى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەيسا مەسىھ قايتا كېلىدىغان كۈنى تاماملايدۇ.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00