ئېتىقادچىلار خۇداغا تەلپۈنىدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1: 35

³⁵ [35] ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى سۈزۈلمەستىنلا، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت بىر يەرگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.‏

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 5: 16

¹⁶ [16] ھەزرىتى ئەيسا بولسا پات-پات تىنچ يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى ‏

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6: 12

¹² [12] بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.‏

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10: 38-42

³⁸ [38] ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر يېزىغا كەلدى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.‏ ³⁹ [39] مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغى تەرەپتە ئولتۇرۇپ، تەلىمىنى ئاڭلاۋاتاتتى.‏ ⁴⁰ [40] ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ ئى رەببىم، سىڭلىم مەريەم شۇنچە كۆپ ئىشلارنى ماڭىلا تاشلىۋەتتى، ئۇنى ماڭا ياردەملەشتۈرگەيسىز! _ دېدى. ‏ ⁴¹ [41] بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئەي مارتا، سەن زىيادە ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن.‏ ⁴² [42] بىراق، بىرلا مۇھىم ئىش بار. مەريەم شۇ ياخشى ئىشنى تاللىۋالدى. بۇنى ھېچكىم ئۇنىڭدىن تارتىۋالالمايدۇ.

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن خۇدانىڭ يولىدا مېڭىش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00