¹ [1] ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكنى كۆرۈپ دۆڭگە چىقىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ² [2] ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى: ³ [3] _ ئۆزىنىڭ خۇداغا بولغان موھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر. ⁴ [4] قايغۇرغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ. ⁵ [5] مۇلايىم بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر ئۇلار. ⁶ [6] ھەققانىيلىققا ئىنتىلىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ. ⁷ [7] باشقىلارغا رەھىمدىل بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر. ⁸ [8] قەلبى پاك بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ. ⁹ [9] تىنچلىق تەرەپدارلىرى نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى پەرزەنتىم دەيدۇ. ¹⁰ [10] خۇدانىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر. ¹¹ [11] مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! ¹² [12] شاد-خۇرام بولۇڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرمۇ مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان. شاگىرتلار تۇز بولۇش رولىنى يوقاتماسلىقى كېرەك
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00