ھەزرىتى ئەساغا ئەگىشىش ئۈچۈن ئېتىقادچىلار ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كەچىدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9: 23-26

²³ [23] ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەنە مۇنداق دېدى: _ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ھەر كۈنى ماڭا ئەگەشسۇن.‏ ²⁴ [24] چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ.‏ ²⁵ [25] بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!‏ ²⁶ [26] ئەگەر كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ، ئاتامنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن.‏

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9: 57-62

⁵⁷ [57] ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: _ سىز قەيەرگە بارماڭ، مەن سىزگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، _ دېدى. ‏ ⁵⁸ [58] بىراق، ھەزرىتى ئەيسا: _ تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، _ دېدى ئۇنىڭغا. ‏ ⁵⁹ [59] ئۇ يەنە باشقا بىر كىشىگە: _ ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى. بىراق، ھېلىقى كىشى باھانە كۆرسىتىپ: _ ئۇستاز، ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈپ، ئاندىن سىزگە ئەگىشەيچۇ! _ دېدى. ‏ ⁶⁰ [60] _ ئۆلگەنلەرنى روھى ئۆلۈكلەر ئۆزلىرى يەرلىككە قويسۇن! سەن بولساڭ بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقات، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. ‏ ⁶¹ [61] يەنە بىرسى: _ ئەي ئۇستاز، مەن سىزگە ئەگەشمەكچىمەن. بىراق، ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ كېلەي، _ دېدى. ‏ ⁶² [62] _ قوش ھەيدەۋېتىپ، توختىماي كەينىگە قارايدىغان ئادەمدەك، بۇرۇنقى ھاياتىڭلاردىن مېھرىڭلارنى ئۈزەلمىسەڭلار، خۇداغا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولمايسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن خۇدانىڭ يولىدا مېڭىش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00