ئېتىقادچىلار ھوسۇلنى يىغىۋېلىشقا ماڭىدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ئىنجىل 9: 35-10: 1

³⁵ [35] ھەزرىتى ئەيسا پۈتۈن شەھەر، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ، ھەرقايسى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقاتتى ۋە خەلق ئىچىدىكى ھەر خىل كېسەللىك ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.‏ ³⁶ [36] ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار قويچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز بىچارىلەر ئىدى.‏ ³⁷ [37] شۇنىڭ بىلەن، ئۇ شاگىرتلىرىغا: _ قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىدىغانلار مول ھوسۇلدەك كۆپ، بىراق ھوسۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن.‏ ³⁸ [38] ھوسۇلنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدادىن كۆپرەك ئىشچى ئەۋەتىپ، ھوسۇلنى يىغىۋېلىشنى تىلەڭلار، _ دېدى. ¹ [1] ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ۋە ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى.‏

ئىنجىل 10: 5-20

[5] ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: _ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ زېمىنلىرىغا بارماڭلار. سامارىيىلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ بارماڭلار.‏ [6] ئۇنىڭدىن كۆرە، خۇدانىڭ يوقالغان قوي پادىلىرى، يەنى ئىسرائىللار ئارىسىغا بېرىڭلار.‏ [7] بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەپ جاكارلاڭلار.‏ [8] كېسەللەرنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. بۇ ئىمتىيازلارنى ھەقسىز ئالغانىكەنسىلەر، ھەقسىز ئىشلىتىڭلار.‏ [9] ھەميانىڭلاردا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى ئېلىپ يۈرمەڭلار.‏ ¹⁰ [10] سەپەرگە چىققاندا نە خۇرجۇن، نە بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك، نە ئاياغ، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى، خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق. ‏ ¹¹ [11] بىرەر شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن ئۇ يەردە سىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان كىشىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇڭلار.‏ ¹² [12] بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئامانلىق تىلەڭلار.‏ ¹³ [13] ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلارغا تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئىجابەت بولىدۇ. ئەگەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ.‏ ¹⁴ [14] سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىغان كىشىنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار.‏ ¹⁵ [15] بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ شەھەردىكىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازاسى سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكى رەزىل كىشىلەرنىڭ تارتىدىغان جازاسىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ! كەلگۈسىدىكى زىيانكەشلىك ‏ ¹⁶ [16] _ مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.‏ ¹⁷ [17] كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار. ئۇلار سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئىبادەتخانىلىرىدا قامچىلايدۇ.‏ ¹⁸ [18] سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر.‏ ¹⁹ [19] سوراق قىلىنغان ۋاقتىڭلاردا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. چۈنكى، ئۇ چاغدا قىلىدىغان سۆزلىرىڭلار سىلەرگە نېسىپ قىلىنىدۇ.‏ ²⁰ [20] سىلەر ئۆزۈڭلار سۆزلىمەيسىلەر، بەلكى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ. ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن خۇدانىڭ يولىدا مېڭىش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00