¹ [1] بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، يەھۇدىيلار ئادىتى بويىچە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا باردى. ² [2] ئۇلار مەركىزىي ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشقاندا، بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئەكېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلەپ جان باقسۇن دەپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا» دەپ ئاتىلىدىغان ئىشىكى ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى. ³ [3] توكۇر ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى. ⁴ [4] ئۇلار توكۇر ئادەمگە دىققەت بىلەن قارىغاندىن كېيىن، پېترۇس: _ بىزگە قارا! _ دېدى. ⁵ [5] تىلەمچى ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى تىكىپ قاراپ تۇراتتى. ⁶ [6] بىراق، پېترۇس ئۇنىڭغا: _ مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق. لېكىن، قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! _ دېدى-دە، ⁷ [7] ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرىغا شۇئان كۈچ كىرىپ، ⁸ [8] ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى. ⁹ [9] ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن جامائەت ¹⁰ [10] ئۇنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا»سى ئالدىدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى كىشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، داڭ قېتىپ قېلىشتى.پېترۇسنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى سۆزلىرى
⁶ [6] ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان باريەشۇ ئىسىملىك بىر يەھۇدىي سېھىرگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ⁷ [7] ئۇ سېھىرگەر بۇ ئارالنىڭ بىلىملىك رىملىق ۋالىيسى سېرگىيۇس پائۇلنىڭ تونۇشى ئىدى. ۋالىي سېرگىيۇس بارنابا بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولدى. ⁸ [8] لېكىن، ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) قارشى چىقىپ، ۋالىينى بۇ ئېتىقادنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇشقا تىرىشتى. ⁹ [9] بىراق، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن سائۇل (گرېكچە ئىسمى پاۋلۇس) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ، ¹⁰ [10] ئۇنىڭغا: _ ئەي شەيتاننىڭ ئوغلى! ھەممە ئادىللىقنىڭ دۈشمىنىسەن. قەلبىڭ ھەر خىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان. خۇدانىڭ توغرا يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟! ¹¹ [11] ئەمدى خۇدا سېنى جازاغا تارتىدۇ! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! _ دېدى. شۇئان، ئەلىماس كۆزلىرىنى بىر قارا تۇمان توسقانلىقىنى سەزدى. ئۇ قوللىرىنى ئۇزىتىپ، باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنى ئۆتۈندى. ¹² [12] يۈز بەرگەن ئەھۋالنى كۆرگەن ۋالىي ئۇلارنىڭ رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى تەلىملىرىگە ھەيران بولۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. پاۋلۇسنىڭ يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە ئېيتقانلىرى
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00