ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ سۆزى بىلەن روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ئىنجىل 4: 1-11

¹ [1] ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ھەزرىتى ئەيسانى شەيتاننىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى.‏ ² [2] ھەزرىتى ئەيسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاماق يېمەي روزا تۇتۇپ، قورسىقى تازا ئاچقانىدى.‏ ³ [3] ئۇنى سىنىماقچى بولغان شەيتان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! _ دېدى. ‏ [4] ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: _ تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، _ دېدى. ‏ [5] ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ: ‏ [6] _ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، پەسكە سەكرەپ باققىنا! چۈنكى زەبۇردا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سەن توغرۇلۇق ئەمر قىلغان. پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ _ دېدى. ‏ [7] _ تەۋراتتا: «رەببىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ‏ [8] ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى كۆركەملىكى بىلەن كۆرسىتىپ: ‏ [9] _ يەرگە باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، _ دېدى. ‏ ¹⁰ [10] _ يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن. ‏ ¹¹ [11] بۇنىڭ بىلەن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى تاشلاپ كېتىپ قالدى. پەرىشتىلەر كېلىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىم بېرىشنى باشلىشى ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن خۇدانىڭ يولىدا مېڭىش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00