ئېتىقادچىلار مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ياشايدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5: 16-25

¹⁶ [16] شۇنى دېمەكچىمەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاڭلار. شۇ چاغدا، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر. ‏ ¹⁷ [17] چۈنكى، ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتى مۇقەددەس روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلغىنىدەك، مۇقەددەس روھمۇ ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر، بۇ قارىمۇقارشىلىق ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلىشتا توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. ‏ ¹⁸ [18] ۋەھالەنكى، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر. ‏ ¹⁹ [19] ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە باش ئېگىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، ‏ ²⁰ [20] بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىك، ئۇرۇشقاقلىق، قىزغانچۇقلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، گۇرۇھۋازلىق، ‏ ²¹ [21] ھەسەتخورلۇق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت قاتارلىق گۇناھلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇنقىدەك يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق. ‏ ²² [22] ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق، ‏ ²³ [23] مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلار ھېچقانداق قانۇنغا زىت ئەمەستۇر. ‏ ²⁴ [24] ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يامان ھەۋەسلەرنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ. ‏ ²⁵ [25] مۇقەددەس روھ بىزنىڭ يېڭى ھاياتىمىزنىڭ مەنبەسى بولغانىكەن، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماڭايلى. ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن خۇدانىڭ يولىدا مېڭىش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00