¹ [1] ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە تىرىلگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ئەرشتىكى ئىشلارغا ئىنتىلىڭلار. ئەيسا مەسىھ ئەرشتە خۇدانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ. ² [2] سىلەر بۇ دۇنيادىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئىشلارغا باش قاتۇرۇڭلار. ³ [3] چۈنكى، سىلەر بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. ھاياتىڭلار ئەيسا مەسىھ بىلەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا پىنھاندۇر. ⁴ [4] ھاياتىڭلارنىڭ مەنبەسى بولغان ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئايان بولىسىلەر. ⁵ [5] شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ. ⁶ [6] خۇدانىڭ غەزىپى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. ⁷ [7] بۇرۇن سىلەرمۇ بۇنداق ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئىچىدە ياشاپ، رەزىل تۇرمۇش كەچۈرگەنىدىڭلار. ⁸ [8] ئەمدى بۇنداق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تاشلاڭلار. غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش، يامان نىيەتتە بولۇش، تۆھمەت قىلىش ياكى ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتەك يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. ⁹ [9] شۇنداقلا، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار. چۈنكى، سىلەر كونا تەبىئىتىڭلارنى بۇرۇنقى قىلمىشىڭلار بىلەن بىللە چۆرۈپ تاشلاپ، ¹⁰ [10] يېڭى تەبىئەتكە ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئوبرازى بويىچە يېڭىلىنىۋاتقىنىڭلاردا، خۇداغا بولغان تونۇشۇڭلار چوڭقۇرلىشىدۇ. ¹¹ [11] بۇ يېڭى ھاياتتا بىزنىڭ يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس، خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان، مەدەنىيەتسىز ھەتتا ياۋايى، قۇل ياكى ھۆر بولۇشىمىز مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇ بولسا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر. ¹² [12] خۇدا سىلەرنى سۆيۈپ، «ئۆزۈمگە ئاتىغان خەلقىم» دەپ تاللىغانىكەن، رەھىمدىل، مېھرىبان، كەمتەر، مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇڭلار. ¹³ [13] بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار. ¹⁴ [14] ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، مۇكەممەل ئىناقلىققا باشلايدۇ. ¹⁵ [15] ئەيسا مەسىھ ئاتا قىلغان تىنچ-ئامانلىق قەلبىڭلارنى باشقۇرسۇن. چۈنكى، سىلەر بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، بۇ ئىناقلىق ئىچىدە ياشاشقا چاقىرىلدىڭلار. ھەمىشە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. ¹⁶ [16] ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار. ¹⁷ [17] مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. يېڭىچە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00